دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 11 – ئاينىڭ2 – كۈنىگىچە ياپونىيىدىكى 10 ئۇنىۋېرسىتېتتا «يىپەك يولىدىكى ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىسى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.10.07

Rabiye-xanim-yapon-nutuq-anglighuchi-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 30 – ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﻦ – ﺋﺎﻟﻐﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺳﯩﻦ – ﺋﺎﻟﻐﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﭘﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯩﻦ – ﺋﺎﻟﻐﯘ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺩﯨﻜﻪﻥ.
بۇ قېتىمقى لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىگە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ساھىبخانلىق قىلىدىكەن. رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپونچە نەشىر قىلىنغان كىتابىنىمۇ تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىمۇ چاقىرىدىكەن.

بۇ پىلانىنىڭ مەسئۇلى در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.