«ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق كىتاب ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. گېرمانىيىلىك يازغۇچى ئالېكساندىر خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان «ئەجدىرھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق نېمىسچە كىتاپقا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان مەزكۇر كىتاپ 15 – ئۆكتەبىر نەشىردىن چىقىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.09.18

Rabiye-xanim-terjimali1-305ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺋﻪﺟﺪﻩﺭﻫﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﯜﭼﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.

www.uyghuramerican.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
كىتاب نەشىردىن چىقىش ئالدىدا ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا تونۇتۇلۇشقا باشلىغان. كىتاب ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان كودونشىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. كىتابنى كۇماكاۋا ئەپەندى نېمىسچىدىن ياپونچىغا تەرجىمە قىلغان. تەھرىرلىكىنى كاگوشىما ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىر ئەپەندى قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر كىتاب ھەققىدە قۇتلۇق قادىر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.