دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كېلەر ئاي چېخىيەنى زىيارەت قىلىپ، چېخىيە پايتەختى پراگادا ئېچىلىدىغان ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر بىر خەلقئارا يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ، بۇ جەرياندا سابىق چېخىيە پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ خاۋېل بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.08.21
«ئاسىيادا تىنچلىق، دىموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق» دېگەن تېمىدىكى بۇ يىغىننى ۋاكلاۋ خاۋېلنىڭ ئىشتىراكچىلىقىدا قۇرۇلغان 2000″  مۇنبەر فوندى جەمئىيىتى»  ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن 9 ‏- ئاينىڭ 10 – ۋە 11 ‏- كۈنلىرى ئېچىلىدىكەن.

رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى ۋاكلاۋ خاۋېل بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇچراشقان شۇنداقلا 2008 ‏- يىلى 6‏ – ئايدا پراگانى زىيارەت قىلىپ، پراگادىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى.

پراگادىكى بۇ يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇنى 5 ‏- ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئۇيۇشتۇرغان، دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە ۋە ئاۋستىرالىيە زىيارىتىگە قارشى چىقىپ، بۇ دۆلەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ھەتتا خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خې يافېي ئاۋستىرالىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى رابىيە قادىر خانىم سەۋەبىدىن بىكار قىلغان ئىدى.