Image may contain: outdoor

26-ئىيۇن كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرىگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە يەر تەۋرەشنىڭ ئاھالىلار رايونلىرىغا يىراق تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەنلىكىن ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، لېكىن بۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا يەر تەۋرەش رايونىغا يېقىن لاگېر ياكى خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم-يىتىم كېلىپ چىققانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقى تەكىتلەنگەن. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش كېرىيە ۋاقتى 26-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 5 تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش مەركىزى كېرىيە ناشىيەسىدىكى ئاتچان يېزىسىغا قاراشلىق ئادەمسىز تاغلىق رايوندا ئىكەن.

ئاتچان يېزىسىنىڭ پېشىگەي كەنتى يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن كەنت بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ كەنتنىڭ يەر تەرۋرەش مەركىزىگە 86 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ مەزكۇر ناھىيىدە 2014-يىلدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ قاتتىق تەۋرەش بولۇپ، ئۆتكەن قېتىمقى يەر تەۋرەش مەركىزىمۇ ئاتچان يېزىسىدىكى تاغلىق رايونىدا ئىدى. لېكىن ئۆتكەن قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، يەر تەۋرەش رايونىغا ياردەم بېرىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. شۇ قېتىمقى سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كونكرېت قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئەھۋالى، ئۇچرىغان زىيىنى، ئۇلارنىڭ قانداق ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى 1-قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن رايوندا يەنە بىر قانچە قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى