خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردە يېقىندا ئېلىپ بارغان زىيارىتى سەۋەبلىك تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق نارازىلىقلىرىنى توختاتمىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.18
ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 18 – ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى، مانېۋىردىن قايتقان ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى فلوتىنىڭ خوڭكوڭدا توختىشىغا يول قويمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى سەزگۈر مەسىلىلەر پەيدا قىلغان ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە، ياپونىيە فىلوتىنىڭ خوڭكوڭدا توختىشىغا قوشۇلمىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا خىتاينىڭ مەزكۇر ھەرىكىتىنىڭ، يېقىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنماقتا.

4 – ئايدا توكيودىن يولغا چىققان ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى فلوتى 9 – ئايغىچە داۋاملاشتۇرماقچى بولغان بۇ مەشق سەپىرىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي ياۋرۇپا ۋە ياۋروپادىكى 13 دۆلەتتە توختاپ ئۆتمەكچى ئىدى.

ياپونىيە تەرەپ ئىلگىرى خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان ھەربىي سۆھبىتى نەتىجىسىدە، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن سېنتەبىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ياپون فلوتىنىڭ خوڭكوڭدا توختىشىغا رۇخسەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن كېيىن بۇ ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ياپونىيىگە رابىيە خانىمنىڭ زىيارىتى سەۋەبلىك نارازىلىق بىلدۈرگەندىن باشقا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىىگىمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئاۋستىرالىيىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى ھەم ئۇنىڭ ئاۋستىرالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغانلىقىغا قارىتا دېپلوماتىك يوللار بىلەن رەسمىي نارازىلىق ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە تارقاتقان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خې يافېي، رابىيە خانىم مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى بىكار قىلغان.