2009.08.14
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىش بەلگىلىمىلىرىنى كۈچەيتتى
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 – ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە جاۋابەن، ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى چەكلەيدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.
خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»دە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا چىقارغان بۇ بەلگىلىمىدە يەنە، ئۆي ئىگىسىدىن ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆيلەرنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىجارىكەشلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش، شۈبھىلىك ھەرىكەتلەرنى بايقىسا، ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلەر دوكتورى قۇتلۇق ھاجى قادىرى، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىغا قارىتىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ شەھەر ئاتلاپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىش ئۈتكۈزۈپ، خىتاينىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
10 – ئاۋغۇست قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىش ئۈتكۈزۈپ، خىتاينىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىننى قىرغىزىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتى» تەشكىللىگەن.
تەشكىلات رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف خىتايلارنىڭ «26 – ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىل – ئىسپاتلارنى يوشۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار جىنايەتچىلەرنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
يىغىن قاتناشچىلىرى خىتاينى » تېررورچى دۆلەت» دەپ ئاتىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
ئۇلار يەنە، » ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت يىغىنىدا سۆز قىلدى
3 – ئاۋغۇست ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا » ئىرقىي مەسىلىلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى» باشلاندى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى.
يىغىن ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە مەخسۇس «خىتايدىكى ئىرقىي مەسىلىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش» مۇزاكىرىسى بولۇپ ئۆتكەن.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە دىققەتنى تارتقان ۋە ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىسىگە ئايلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت خادىملىرىنىڭ قاتتىق سوراق – سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، 10 كۈن داۋاملاشقان ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى بۈگۈن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى. قايتىش سەپىرى ئالدىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، 10 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ھەققىدە تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلققە سالام يوللىدى.
رابىيە خانىم مېلبۇرن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قويۇلغان، مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە كەلگەن ئىدى.
خانىمنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاۋسترالىيە زىيارىتى ئاۋسترالىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن.
خىتاي » مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نى كىنو فېستىۋالدىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان ئىدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار نەزىر قىلىپ 5 – ئىيۇل قانلىق ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى
پەيشەنبە كۈنى، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار نەزىر ئۆتكۈزۈپ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم تۇتتى.
ئالمۇتا سۇلتان قورغان رايونىدىكى ئېلى مۇھەممەت مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قىرىق نەزىرىگە 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەيدىلىرىگە ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چۈشۈرۈلگەن ئىزناكلارنى تاقىۋالغان.
5- ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى قانلىق باستۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار 5000 كىشىلىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
ب د ت تەن مۇتەخەسسىسى نوۋاك: » شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك بېسىم ئاستىدا»
ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتنىڭ مۇتەخەسسىسى مانفرېد نوۋاك «بۈيۈك ئېرا گېزىتى» دە پىكىر بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بېسىم ۋە ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۈيۈك ئېرا گېزىتىدىكى سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رايوندا بۆلگۈنچى بولۇپ قارىلىنىش ناھايىتى ئاسان، چۈنكى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۇمان ئاستىدا، شۇڭا رايون يەنە ئومۇميۈزلۈك بېسىم ئاستىدا.»
نوۋاك ئەپەندى نۆۋەتتە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ، مەسىلە بىر تەرەپ قىلىشتا ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقى، چۈنكى بۇ كومىتېتتا خىتاينىڭمۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
نوۋاك سۆزىدە يەنە، ياۋروپا – خىتاي ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىدىمۇ ياۋروپا تەرەپنىڭ خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.