2009.08.10

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە كۆچمە نوپۇسنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىشىغا چەكلىمە قويۇشنى كۈچەيتىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر يەرلىك ئاممىنىڭ ياقا يۇرتلۇقلارغا ئۆي ئىجارە بېرىشىگە چەكلىمە قويۇش، ئۈرۈمچىدىكى ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئولتۇراقنامە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا چىقارغان بۇ بەلگىلىمىدە يەنە، ئۆي ئىگىسىدىن ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆيلەرنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىجارىكەشلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش، شۇبھىلىك ھەرىكەتلەرنى بايقىسا، ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دائىرىلەر يېقىندا ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىغا خادىم ئەۋەتىپ، مەزكۇر رايوندىكى ئۆيلەرنى تىزىمغا ئېلىشقا باشلىغان شۇنداقلا بۇ ئاي ئىچىدە تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارى، ئۆي ئىجارە بېرىش ۋە كۆچمە نوپۇسنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ،5 – ئىيۇلدىكى ۋەقەگە قاتناشقانلار ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغانلار، لېكىن تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلەر دوكتورى قۇتلۇق ھاجى قادىرى، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىغا قارىتىلغانلىقىنى، بۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 – ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 197 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 1700 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، 1800 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ۋەقەنى رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. دۈشەنبە كۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دۇەن جيېلۇڭ ب د ت نىڭ ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقان 718 ئادەمنىڭ ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەدە ئىز – دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭلارغا يېتىدىغانلىقىنى، ب د ت نىڭ رايونغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئىز – دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.
كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى قۇتلۇق ئەپەندى بولسا خىتاي ئېلان قىلغان بۇ سان ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى، تۈرمىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا جازالاش ئۈچۈن يولغا سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى ئەمەلدار، دائىرىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغان 300 مىڭ كىشىنى تىزىمغا ئالغانلىقىنى، تىزىمغا ئېلىنغان ئاھالىلەر قوراسىنىڭ 500 گە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا نوپۇسى ئۈرۈمچىدە بولمىغانلارنىڭ چوقۇم قەرەللىك ئولتۇراقنامە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، بۇ كىشىلەر ئولتۇراقنامە رۇخسىتىنى دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۇكىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى كۆرگەن يەردە تەكشۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى قۇتلۇق ئەپەندى 5 – ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقان نامايىشچىلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ بۇ كىشىلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ھوقۇقى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىشقا ئۇچرىغان تەبىقە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدا پۇقرالارنى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدىغان تام گېزىتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ تام گېزىتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن 5″ – ئىيۇلدىكى توپىلاڭغا ئارىلىشىپ، قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغانلار. ئىجارە ئۆيلەر تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى پىلانلايدىغان سىغىنما يەر بولۇپ قالغان.»
لېكىن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىسىنى تەنقىدلەپ، بۇ ئۈرۈمچىدىكى ياقا – يۇرت پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ياشاش ھوقۇقىغا قىلىنغان دەپسەندىچىلىك، دەپ ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ بۇ بەلگىلىمىنى چىقىرىشتىكى پىلانى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى تازىلاپ، خىتاي ئاققۇنلىرىغا يول ئېچىشتۇر دەيدۇ.
ئۈرۈمچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بەزى ئەرباپلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى ئورنىدىكى ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئائىلىكلىرىنى كۆچۈرۈپ، ئائىلىكلەر قوراسىنى ھەربىي گازارمىغا ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بەزى ئائىلىلەرنىڭ كۆچۈشكە باشلىغانلىقىنى، ھەر بىر ئائىلىگە 400 مىڭ يۈەنگە قەدەر مۈلك ھەققى بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئانالىزچىلار، ئەگەر خىتاي مۇقام ئانسامبىلىدىكى ئائىلىكلەرنى كۆچۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىگە ھەربىي گازارما قۇرسا، بۇ، خىتاينىڭ 5 – ئيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قايتۇرغان ئەڭ ئەسەبىي ئىنكاسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.