خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇەنۋۇ بايرىمى»، يەنى «ئەجدىھا قولۋاق بايرىمى» بۇ يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنىگە توغرا كەلدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ يىللىق «دۈئەنۋۇ بايرىمى» نىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «زوڭزا يېيىش»، «ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى كەچلىك بازارلاردا يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە «قېتىق زوڭزىسى» نىڭ بازار تاپقانلىقى خەۋەر قىلىندى. بۇ تۈردىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يەنە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئاتالمىش «نەمۇنىچى» قۇربان نىياز قۇرغان مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «جۇڭخۇا مەدەنىيەت بايراملىرى ئۆگىنىش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئىدارە-ئورگان ۋە مەكتەپلەردە ھەقسىز زوڭزا تارقىتىلغانلىقى، جايلاردىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا خىتاي كادىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ قوناق يوپۇرمىقىدا 3 بۇرجەكلىك زوڭزا تۈگۈپ، يېيىشنى ئۆگەڭەنلىكى قاتارلىقلار ئالاھىدە خەۋەر تېمىسى قىلىنغان.
ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيتقا ئوخشاش ئەنئەنىۋى دىنىي بايراملىرىنى چەكلىگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى،» دەپ ئاتىماقتا.
دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 25-ئىيۇندىكى خىتاينىڭ «ئەجدارھا قولۋاق بايرىمى» مەزگىلىدە شەھەرلەردە مەھەللە كومىتېتى خادىملىرىنى، يېزىلاردا كەنتلەرگە چۈشۈرۈلگەن خىتاي كادىرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتكۈلشەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە جايىدا دېگۈدەك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە تامىقى» نامىدا «بىرلىكتە زوڭيزا تۈگۈپ يېيىش»، «قوشماق تۇغقانلارغا زوڭزا سوۋغا قىلىش» ھەرىكىتى قوزغىغان.
دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە يېمەكلىك «زوڭزا» نىڭ ئىچىگە سېلىنغان قىيما تەركىبىنى سوراش ھەققى يوق ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ھەتتا چوشقا گۆشى ئېلىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشى قىيما قىلىنغان «زوڭزا» لارنى پىشۇرۇپ يېگەنلىكى مەلۇم بولغان.
كورلا گۈلباغ رايونىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىتاي خادىمى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، «دۇەنۋۇ»، يەنى «ئەجدىھا قولۋاق بايرىمى» مەزگىلىدە كورلادا ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خىتاي خادىم يەنە خىتاينىڭ «دۇەنۋۇ بايرىمى» نىڭ كورلادا قانداق كۈتۈۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بايرام مەزگىلىدە ھەممە ئۆيلەردە دېگۈدەك «زوڭزا يېيىلگەنلىكى» نى، كورلاغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، زوڭزا يېسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما بۇ خىتاي خادىم خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى بولغان «زوڭزا» نىڭ تەركىبى ھەققىدە سورىغان «ھالالمۇ» دېگەن سۇئالنى سورىغان ھامان تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.
خوتەن مۇزتاغ مېھمانخانىسىغا قىلغان تېلېفوننى بىر خىتاي ئايال مۇلازىمەتچى ئالغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرنىڭ«دۇەنۋۇ بايرىمى»، يەنى «ئەجدىھا قولۋاق بايرىمى» مەزگىلىدە مېھمانخانىدا زوڭزا بارمۇ؟ قەيەردىن زوڭزا سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، دېگەندەك سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن.
ئۇ «مېھمانخانىنىڭ تاماق مۇلازىمىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مېھمانلارنىڭ خوتەندىكى كەچلىك بازاردىن زوڭزا سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى» نى، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى بولغان زوڭزانى يېيىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن،
مۇخبىر ئۇنىڭدىن «زوڭزىنىڭ ئىچىگە سېلىنىدىغان قىيما ھالالمۇ؟ ئۇنىڭ تەركىبى قانداق؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «زوڭزىنىڭ ھەر ئىككى خىلى بار، گۈرۈچ ۋە تاتلىق قىيامدا ياسالغان زوڭزىمۇ، تەركىبىدە گۆش ئارىلاشقان زۇڭزىمۇ بار،» دېگەن. ئۇنىڭدىن يەنە «بۇ گۆش چوشقا گۆشىمۇ؟ مۇسۇلمانچە زوڭزا بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇمۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 2018-ۋە 2019-يىللىرى بېرىلگەن خەۋەرلەردە «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە تەربىيىلىنىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىدىيىدە ئىلغارلىشىپ چوشقا گۆشىنى بىمالال يەيدىغان سەۋىيىگە يەتكەنلىكى»، ئۇيغۇر ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ «ئىدىيە ئازاتلىقىنى يېمەكلىكتىن باشلاش ھەرىكىتىدە باشلامچى بولۇپ، خىتاي خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشىنى يىگەنلىكى» كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ ئەنەنىۋىي مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىدە ھارام دەپ قارالغان چوشقا گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىشى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش سۈيىقەستىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى