ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.07.27
2009.07.27

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى سەپىرىنى ھەمرىيى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئايرۇپىلان قوزغۇلۇش ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە خانىم ۋە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى مەزكۈر سەپىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىگە قاراپ يولغا چىققان كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، رابىيە قادىر خانىمغا ياپونىيىدە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا يولغا قويغانلىقىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.