2009.07.27
رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، » بىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ تەكرار ۋە قەتئىي تەلەپلىرىنى نەزەرگە ئىلماي، رابىيەنىڭ ياپونىيىگە كىرىپ خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغانلىقىدىن تولىمۇ نارازى بولدۇق» دېگەن.
5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەلەرنى رابىيە قادىر خانىمغا دۆڭگەپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن غەرب دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى 29 – ئىيۇل چارشەنبە كۈنى توكيودا ئېلىپ بېرىلىدۇ.