2009.07.17

ماقالىدا، ئەركىن سىدىق ئەپەندىنى، ئۇ بۇ يىل 5 – ئاي، ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، » شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىلمىي دوكلات بەرگەن ۋە دوكلاتىدا، «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق ۋە قوش تىل مائارىپى سىياسىتىگە ئوخشاش بىر قەدەر سەزگۈر تېمىلاردا توختىلىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلغان » دەپ ئەيىبلىدى.
ماقالىدا يەنە، ئەركىن سىدىق ئەپەندىنى » دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى، ئۇ 1994 – يىلى 12 – ئايدا » شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئامېرىكا شۆبىسىگە قاتناشقان، 1996 – يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق مەركىزى»نىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى بولغان، ئارقىدىنلا » دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى»نىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى بولغان، بۇ تەشكىلات ھازىرقى » دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ دەسلەپكى ئاساسى ئىدى، ئەركىن سىدىق ياپونىيە ھەم ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا رابىيە قادىر گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى ئىدى، ئۇ چېگرا سىرتىدىكى » شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى» نى بىرلىشىشكە چاقىرغان، شۇنداقلا » ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ ئورتاق رەھبەرلىكى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە دۆلەتنى پارچىلاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان،»دەپ ئەيىبلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن سىدىق ئەپەندى، خىتاي مۇخبىرى ۋاڭچىڭ، ۋاڭگاڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىنى «چەتئەللەردىكى سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ غوللۇق ئەزاسى» دەپ تەشۋىق قىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ۋە ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ يىللاردا ئاساسەن كەسپى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە، مۇشۇنداق بىر شارائىتتا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك دائىرىلەرگە بۇنداق بىر ماقالىنى ئېلان قىلىشىغا يول قويۇشى، ناھايىتى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆزىنى ناھەق قارىلاشلا ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئۇرغۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قورقۇتۇش ۋە ئۇلارغا روھى جەھەتتىن زەربە بېرىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ يەنە بۇ ماقالە سەۋەبلىك ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەن ئوقۇغۇچىلارغا چارە كۆرۈلۈشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىققا چاقىردى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ يىل 5 – ئاي مەزگىلىدە ۋەتەندە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە، ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن «قانداق قىلغاندا ئىلىم ئارقىلىق مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداق قىلغاندا راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ ؟» دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولغانلىقىنى، ئەلۋەتتە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان » قوش تىللىق مائارىپى» سىياسىتىگە قارىتا، ئىلمىي نۇقتىدىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ خاس پىكىرلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ يۇقۇرىقى مۇخبىرلارنىڭ ماقالىسىدىكى » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى » نىڭ يۈز بېرىشىدە ئەركىن سىدىق قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دېگەن پىكىرلىرىنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز تۆھمەت دەپ ئەيىبلىدى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنى «قاتتىق قول سىياسەت» دەپ قارايدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلىۋاتقان «قوش تىل مائارىپى» سىياسىتىنىڭ ئىلمىي ئەمەسلىكى، بالىلارغا يەسلىدىن باشلاپ مەجبۇرى ھالدا خىتاي تىلىنى تېڭىش پېداگوگىكا قائىدىسىگە زىت بولۇپ، خەلقئارالىق مائارىپ تۈزۈمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ بارغانچە ئۆسىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلماي، قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە خەلق ئارىسىدا نارازىلىق كەيپىياتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەركىن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ئادىل بولۇشى، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، قانۇن ئالدىدا ھەممە مىللەت باراۋەر مەنپەئەتدار ئىكەنلىكىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەكلىكى، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.