2009.02.16

ھېللارىي كلىنتوننىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، ھىندونېزىيە ۋە خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى، ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بېرى ئېلىپ بارغان تۇنجى چەتئەل ساياھىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ زىيارەت يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلىدىغان ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان زىيارەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ۋە ياپونىيە تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، يەر شارى ئىقتىسادى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رايوندا دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك مەنپەئەتى كلىنتون خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى مەزگىلىدە ياپونىيىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىدىكى نىگىزلىك مەزمۇنلارنىڭ بىرىدۇر.
كلىنتون خانىم دۈشەنبە كۈنى توكيودا مۇخبىرلارغا ئامېرىكا – ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. كلىنتون خانىم » ئامېرىكا – ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقى ناھايىتى مۇھىم. بۇ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم بولۇپلا قالماي ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم » دەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىدا پىكىر بىرلىكى بارلىقىنى، لېكىن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ پىكىر بىرلىكىگە كېلىشى ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي كلىنتون خانىمنىڭ ئاسىيا سەپىرىدىكى مۇھىم دۆلەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ئىلگىرى ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى شېرىكچىلىك بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقىنى، بۇنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ ياپونىيىگە كېتىۋاتقان سەپىرىدە مۇخبىرلارغا بۇ قارىشىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان سۆھبەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىقتىسادى سىياسەت، ھاۋا كلىمات مەسىلىسى، قىرغىنچى قوراللارنى چەكلەش شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كلىنتون خانىم چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بېيجىڭ سەپىرىدە خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا دۇچ كەلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا بۇ توغرىسىدا توختالدى.
ياپونىيىلىك مۇتەخەسسسىلەر، ياپونىيە كلىنتون خانىمنىڭ بۇ سەپىرى شىمالىي كورىيىنىڭ 6 دۆلەت سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ، يادرو قوراللار پىلانىنى توڭلىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى، ياپونىيە دۇچ كېلىۋاتقان ھەربىي تەھدىتكە خاتىمە بېرىشكە ياردەمدە بولۇشىنى، چۈنكى خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇلۇشىدا نىگىزلىك رول ئوينايدىغان دۆلەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار ياپونىيىنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا – خىتاي شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئامېرىكا – ياپونىيە ئارىسىدىكى ئالاھىدە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى توموخىكو تانۇگۇچى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا، ياپونىيىنىڭ خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى مەيدانىنى مۇنداق دەپ ئىزاھلىغان ) «: ياپونىيە( ئىتتىپاقداش ياكى ئىشەنچلىك دوست بولۇشىغا ئەمەس، شېرىك بولۇشىغا قوشۇلىدۇ. شېرىكلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ئالدى بىلەن ئىشەنچلىك دوستلارنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك.»
كلىنتون خانىم ياپونىيە زىيارىتىنى 18 – فېۋرال كۈنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنىڭ 2 – بېكىتى ھىندونېزىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. خىتاي بولسا كلىنتون خانىمنىڭ شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىدۇر. ئۇ شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنى باشلاشنىڭ ئالدىدا، رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ يوللاپ بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. رابىيە خانىم ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.
كلىنتون خانىم دۈشەنبە كۈنى توكيو ئايرودرومىغا قونغاندا مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنىڭ مۇددىئاسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكا – ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ»: يەر شارى دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ئاسىيانىڭ ھەمكارلىقى بولمىسا بولمايدىغان ھەمكارلىقلارنىڭ بىرىسدۇر.»
كلىنتون خانىم، شۇ كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى تارۇ ئاسۇ، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ياپونىيە سىياسى سەھىنىسىدىكى مۇھىم ئەرباپلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تەرەپلەر ياپونىيە – ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن شۇنداقلا شىمالىي كورىيىگە قارىتىلىدىغان سىياسەت ۋە ئافغانىستان ۋەزىيىتى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلغان.