2009.02.16
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، كىلىنتون خانىم ئۆز زىيارىتىدىكى باشقا مۇھىم مەسىلىلەرگە تەھدىت يەتكۈزمىگەن ئاساستا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە خىتايغا يەنىلا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كىلىنتون خانىم بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشمەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ۋە ئاياللار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
بۇ كىلىنتون خانىمنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بەلگىلەنگەندىن بۇيانقى تۇنجى خىتاي زىيارىتى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى پرېزىدېنت كىلىنتون ھۆكۈمىتى دەۋرىدە يەنى 1995 – يىلى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئېچىلغان دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان.
بېيجىڭدا ئېچىلغان مەزكۇر قۇرۇلتايغا، رابىيە قادىر خانىممۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان ئىدى.