ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما 1 – نويابىر كۈنى توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تىبەت – ئۇيغۇر ھەمكارلىقى مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.02
دالاي لاما سۆزىدە ئۆزىنىڭ تىبەتنىڭ ئالىي ئاپتونومىيىسى ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئىزھار قىلغان. ئىلھام مەھمۇتنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئاشكارىلىشىچە، دالاي لاما بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

دالاي لاما ئىلگىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر بىلەنمۇ بىر قانچە قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، تىبەت – ئۇيغۇر ھەمكارلىقى دالاي لامانىڭ سۆزلىرىدىن داۋاملىق ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغىنىغا بىر يىل بولغان تەشكىلات بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ئىش ئېلىپ بارىدىكەن.