2008.10.24

رابىيە قادىر خانىم بىر قاتار پائالىيەت ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكىدا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

رابىيە قادىر خانىم 10 ‏ – ئاينىڭ 19 ‏ – كۈنى كالىفورنىيىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن، بۇ پائالىيەتكە 12 دۆلەتتىن كەلگەن 700 دىن ئارتۇق كىشىلىك پائالىيەتچىسى قاتناشقان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقى ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىجابىي ئىنكاسلارنى قوزغىدى.

10 ‏ – ئاينىڭ 21 ‏ – كۈنى، رابىيە قادىر خانىم، كالىفورنىيىدىن قايتىپ، شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى مەشھۇر دەۋىدسون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان دوكلات بەردى. رابىيە قادىرنىڭ دوكلاتى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ياخشى ئىنكاسلارنى قوزغىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خۇ جياغا ساخاروۋ مۇكاپاتى بەردى

پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ئاندرېي ساخاروۋ مۇكاپاتىنى بېيجىڭدىكى ئەيدىز ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جياغا بەردى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خۇ جاينى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خۇ جايغا مۇكاپات بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خۇ جيا بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئەلۋەتتە، بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىرى ئىچىدە رابىيە قادىر خانىممۇ بار ئىدى.

خىتاي ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تېررورلۇق تىزىملىكى ئېلان قىلدى

سەيشەنبە كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى بېيجىڭدا ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تىزىملىكتىكى ئېلان قىلىپ، سەككىز نەپەر ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە چاقىردى.

بۇ مەسىلە ھەققىدە خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاراشلىرى ھەر خىل بولۇپ، پەرقلىق كۆز قاراشلار داۋاملاشماقتا.

6 – قېتىملىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە ئاتا تۈرك نامىدىكى مەدەنىيەت، تارىخ، تىل جەمىيىتىنىڭ 6 – قېتىملىق خەلقئارالىق تۈرك تىلى مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىلقى يىغىن ب د ت نىڭ 2008 – يىلىنى مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان.

ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندىكى ئاساسلىق تېما مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى مەزمۇنلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، 34 دۆلەتتىن كەلگەن 478 مۇتەخەسسىس قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قاتنىشىپ، سۆز قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا يەنە بېيجىڭدىن ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىمۇ قاتنىشىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يەنە بىر ئۇيغۇر دارۋاز تەۋەككۈلچىلىك قىلدى

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ جاڭجاجيې ئىسىملىك جايىدىكى تىئەنمېن تېغىغا تارتىلغان ئۇزۇنلۇقى 700 مېتىرلىق سىمدىن مېڭىپ ئۆتۈش ماھارىتىنى 18 – ئۆكتەبىر كۈنى ئاتاقلىق دارۋاز ئادىل ھوشۇرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى ئابدۇسەمەت ھەسەن كۆرسەتتى.

بىراق، ئابدۇسەمەت ھەسەن مۇنداق خەتەرلىك سىم ئۈستىدە 650 مېتىر ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن يانتۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ۋە سىمنىڭ لىڭشىش دەرىجىسى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قىينالغاندا ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنىڭ قەتئىي تەلەپ قىلىشى بىلەن مېڭىشنى توختاتقان ئىكەن.

24 ياشلىق ئابدۇسەمەت ھەسەن يەنىلا ئۇزۇنلۇق ۋە تىك – يانتۇلۇق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سىمدا مېڭىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان تۇنجى ئادەم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ياپونىيىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشتى

ئۆتكەن ھەپتىدە ياپونىيىدە چاقىرىلغان `ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش` يىغىنىغا د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ ياپونىيىدىكى ۋەكىلى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىلەر قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تىبەت، موڭغۇل، دېموكراتىك خىتاي ۋە تەيۋەنلىك ۋەكىللەرمۇ قاتناشقان. يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە بىر قارارنامە قوبۇل قىلىنىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىلغان.