2008.09.12
كاندىلىزا رايىس رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رامىزان ئېيىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن، 8 – سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەربابلىرى، مەشھۇر مۇسۇلمان زاتلار، ھەر قايسى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن دىپلوماتلارنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا تەكلىپ قىلىپ ئىپتار زىياپىتى بەردى.
بۇ ئىپتارلىققا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، پائالىيەتكە يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوفمۇ رابىيە خانىم بىلەن بىرگە قاتناشتى. پائالىيەت جەريانىدا كاندىلىزا رايىس خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى قۇتلۇقلاش بىلەن ئۇلارنىڭ رامىزان پائالىيەتلىرى ھەمدە دىنىي ئېتىقادىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ سۆزىدە ئىپتارغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن رەھمەت بىلدۈرۈپ، «سىلەر ھەر بىرىڭلار بىر ئۇلۇغ ئىماننىڭ، تىنچلىق ۋە مۇھەببەت دىنىنىڭ ئىگىلىرى. سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلار ئەسلىدىنلا باي مەدەنىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدىغانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. رەھمەت سىلەرگە. مەرھابا رامىزان،» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىپتار جەريانىدا كاندىلىزا رايىس خانىم رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئايرىم ئۇچراشقان. رابىيە خانىم ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي، ئىنسان ھوقۇقى ۋە باشقا مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندە، رايىس خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى جۈملىدىن رابىيە خانىمنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىككى ئوغلىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان. ئاخىرىدا رايىس خانىم رابىيە خانىم بىلەن خاتىرە سۈرىتىگە چۈشكەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 10 – سېنتەبىر كۈنى يېقىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ خىزمەتچىسى مەھبۇبە ئابلەش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مەھبۇبە ئابلەشنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىشتىن چىقىرىلغانلىقى ھەتتا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مەزكۇر باياناتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەھبۇبە ئابلەشنى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپ ئىكەنلىكى شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ مەھبۇبە ئابلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلىشىپ ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىشقا ئۇچرىغان.
ئىگىلىنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھبۇبە پەقەت تور بەتلىرىدە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىدىغان پىكىرلەرنى يازغان بولۇپ، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇنىڭ ھەرگىزمۇ جىنايەت ھېسابلانمايدىغانلىقى، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇنى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن، ئوقۇتقۇچى ۋە تەرجىمان ئابدۇغېنى قاتارلىقلارنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوخشاش دەپ ھېسابلىغان.
ئامېرىكىدا 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى خاتىرىلەندى
ھەر يىلى 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى 2001 – يىلى تېررورچىلارنىڭ نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا بىناسىغا ھەمدە ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىناسىغا ئايروپىلاننى سوقۇپ، ۋەيران قىلىش نەتىجىسىدە قازاغا ئۇچرىغان بىر قانچە مىڭ بىگۇناھ كىشى خاتىرىلىنىدۇ.
مانا بۇ يىل بۇ ۋەقەگە يەتتە يىل توشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نيۇيورك ۋە ۋاشىنگتونلاردا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرى، سىياسىيونلىرى ھەمدە پۇقرالىرى جۈملىدىن ۋەقەدە قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىمۇ قاتنىشىپ، قازاغا ئۇچرىغان بىگۇناھ ئىنسانلار خاتىرىلەندى.
رامىزاندا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزان ئېيىنى ئۆتكۈزمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاتۇش شەھەرلىك سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان.
بۇنداق ئۇقتۇرۇشلار باشقا ناھىيىلەردىمۇ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىلەر يەرلىك تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، رامىزان مەزگىلىدە ھۆكۈمەت، پارتىيە ۋە مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا چەكلىمە قويۇش ئەھۋالى بۇ يىل ئېغىرلاشقان. ھەتتا، رامىزان مەزگىلىدە بىر قىسىم جايلاردا ئۆز رېستوران ۋە ئاشخانىلىرىنى تاقاشنى ئويلاشقان خوجايىنلارنىڭمۇ مۇنداق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان.
» مەھمۇت قەشقەرى ۋە ئەسەرلىرى » ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
مەھمۇت قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە، » مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئەسەرلىرى «ماۋزۇلۇق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ خەلقئارالىق يىغىنغا گېرمانىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، كورىيە، خىتاي، ئازەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق 13 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 40 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس قاتناشقان.
بۇ يىغىننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن خېلى كۆپ ساندىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئالىملىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئارسلان ئابدۇللا » قۇمۇلدا ياشىغان قەدىمقى قەبىلىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە تامغىلىرى» تېمىسىدا، ئەسەت سۇلايمان «مەھمۇت قەشقىرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» تېمىسىدا، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقاتچىسى تاھىرجان مۇھەممەد «تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تەرجىمە ۋە نەشر ئىشلىرى» تېمىسىدا، ئابدۇرېشىت ياقۇپ «مەھمۇت قەشقىرى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر كىملىكى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.