2008.07.30

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر ۋە ئامېرىكىدىكى 4 نەپەر خىتاي دېموكراتچىنى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغان سەيشەنبە كۈنى، ئاقساراي يەنە ئامېرىكىدا زىيارەتتىكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچىنى كۈتۈۋالغان ئىدى. لېكىن ئاقساراي ياڭ جيېچىنىڭ ئاقساراي زىيارىتى بىلەن پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ئوخشاش بىر كۈنگە توغرىلانغانلىقى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشمىدۇ ياكى بىر تاسادىپىلىقمىدۇ؟ دېگەن گۇمانلارنى چۈشەندۈرمىدى.
پرېزىدېنت بۇش رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكىدىكى 4 نەپەر خىتاي دېموكراتىك پائالىيەتچىسىنى كۈتۈۋالغان شۇ كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى كۈنتەرتىپتىكى زىيارەت پىلانىغا ئاساسەن پرېزىدېنت بۇشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ستىفان خادلېي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاقسارايغا كەلگەن ئىدى. سۆھبەت خادلېينىڭ ئاقسارايدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خادلېي بىلەن ياڭ جيېچى سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا پرېزىدېنت بۇش ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشۈپ قويغىلى يىغىن مەيدانىغا كىرگەن.
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو خانىم پرېزىدېنت بۇشنىڭ ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇشنىڭ ياڭغا ئولىمپىك يىغىنى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىشكە پۇرسەت ئاتا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۆز پىكىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. دانا پەرىنونىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش يەنە، خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى ئۈستىدە پىكىر بىلدۈرگەن شۇنداقلا ئولىمپىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، ياڭ جيېچىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ باراۋەرلىك، ئۆز – ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر – بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا چات كېرىمەسلىك ئاساسىدا ئامېرىكا بىلەن ئۈزلۈكسىز پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ، دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ستىفان خادلېي بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى شۇ كۈنى يەنە ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزىدە «ئامېرىكا – خىتاي كېسسىنگىر ئىنىستىتۇتى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو، پرېزىدېنت بۇش ياڭ جىېچى بىلەن كۆرۈشكەن شۇ كۈنى ئۇنىڭ خاررىي ۋۇ، ۋېي جىڭشىڭ، رابىيە قادىر، گوڭ شاۋشيا ۋە باب فۇلار بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇشنىڭ بېيجىڭغا بارغاندا بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. پەرىنو مۇنداق دەيدۇ»: پرېزىدېنت ئولىمپىك ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغاندا بۇرۇن دائىم خىتاي ئەمەلدارلارغا ئەسكەرتىپ كەلگەندەك بۇ قېتىم يەنە ئەركىنلىك چاقىرىقىنى بىرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ زاتلارغا خىتاي باشلىقلار بىلەن ئالاقىدە بولۇش ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەش يەنى ھېچكىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكى رەت قىلىنماسلىقى كېرەك، دېگەن قارىشىنى يەتكۈزۈشكە پۇرسەت يارىتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى،» دەيدۇ.
پرېزىدېنت بۇش خىتاي رەھبەرلىرىگە يەتكۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن بۇ تەلەپ ۋە تەكلىپلەر نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟ رابىيە قادىر خانىم بۇشنىڭ بېيجىڭدا ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى توختىتىش، ئولىمپىك باھانىسىدا قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇۋېتىش، سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى شۇنداقلا گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دانا پەرىنو بۇشنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن بۇ زاتلارنىڭ بۇ چاقىرىقنى خىتاي رەھبەرلىرىگە يەتكۈزۈلۈپلا قالماي، بۇشنىڭ خىتاي خەلقىغە يەتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياڭ جيېچى بىلەن ستىفان خادلېينىڭ ئاقسارايدىكى سۆھبىتىدە قايسى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنمىدى. لېكىن خادلېي بىلەن ياڭ جيېچى شۇنى كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى ۋۇدراۋ ۋىلسون مەركىزىدە «كېسىنگېر ئامېرىكا – خىتاي ئىنىستىتۇتى»نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، مۇراسىمىدىكى سۆزىدە ياڭ جيېچى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكى، خىتاي – ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولى دىئالوگ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ياڭ جيېچى خادلېي بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا يەنى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى شون مېككورماك، رايىس بىلەن ياڭ جيېچىنىڭ ئولىمپىك يىغىنى، شىمالىي كورىيە، ياپونىيە ۋە سودا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. پرېزىدېنت بۇش كېلەر دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. لېكىن ئۇ بېيجىڭغا بېرىش سەپىرىدە ئالدى بىلەن جەنۇبىي كورىيە ۋە تايلاندلارنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىدىكى ئانالىزچىلار بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە خىتاي دېموكراتىك پائالىيەتچىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى «دىققەتكە سازاۋەر » بىر ۋەقە، دەپ ئانالىز قىلىشقان. ۋاشىنگتوندىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى دېرېيك مىشېلل ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشنى «ئولىمپىك ھارپىسىدا خىتاينىڭ يېغىرىغا تەككەنلىك » دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىكى مۇلاھىزىسىدە «خىتاينىڭ نەزىرىدە پرېزىدېنت ئۇچراشقان بۇ كىشىلەر خىتاينى قالايمىقان قىلىۋاتقان ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلاردۇر… بۇ كۆرۈشۈش خىتاينى ناخۇش قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ بېرىدىغان سىگنالى ئۇلارنى خۇش قىلمايدۇ » دەپ كۆرسىتىدۇ.
پرېزىدېنت بۇش دېموكراتىك زاتلار بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەن شۇ كۈنى ئامېرىكا ئوخايۇ شتاتىنىڭ كلىۋېلاند رايونىدىكى لىنكون ئېلېكتىرىك شىركىتىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ شىركەت خىزمەتلىرىگە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا 2002 – يىلى رومانىيىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدىكى بىر ئېغىز سۆزىنى يەنە تەكىتلىگەن. بۇش » ئەگەر سىز ماڭا ئوخشاش ئەركىنلىكنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىغا ئىشەنسىڭىز، ھەر ساھەدىكى خەلقلەرنىڭ پۇرسەت بېرىلسە، ئەركىن جەمئىيەتتە ياشاش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىغا ھەيران قالماڭ » دېگەن.