خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تۈزۈلمىسى نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولماقتا.
چەتئەلگە ئوقۇغىلى چىققان نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىق خەۋىرىنى داۋاملىق تاپشۇرىۋالماقتىكەن.
ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تۈرمىلەرگە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئوقۇغۇچىلار ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زور قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
غۇلجا شەھەر بايانداي بازار يېڭى مەھەللە كەنت 6-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەخمەتجان ئابلىمىت 2017-يىلى 5-ئايدا ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن. تۈركىيەگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. بۇ سەۋەبلىك ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئائىلىسىدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈشى سەۋەبلىك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان.
ئەخمەتجان ئابلىمىت تۈركىيەگە كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈزۈۋېتىلگەن. ئىككى يېرىم يىلدىن كىيىن، يەنى 2019-يىلى 9-ئايدا ئۇ ئاپىسى ھەجەرگۈل نۇرنىڭ 2017-يىلى 11-ئايدا جازا لاگېرىغا ئىلىپ كېتىلىپ، 2019-يىلى 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە ھەدىسى ماھىنۇر ئابلىمىتنىڭ يولدىشى ئىلياس تۇرسۇننىڭ 2017-يىلى 3-ئايدا لاگېرغا ئىلىپ كېتىلىپ، 2019-يىلى 19 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەخمەتجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئىلياس تۇرسۇن ھازىر شىخۇدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە ئىكەن.
ئەخمەتجان ئابلىمىتئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلاتقان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «21-ئەسىردە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. 2017-يىلىدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتىش مەقسىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.»
ئەخمەتجان ئابلىمىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپىسى ھەجەرگۈل نۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن بۇرۇن، دادىسى ئابلىمىت ئىمىن ۋە ئاكىسى ئابلەخەت ئابلىمىتمۇ 2017-يىلى 5-ئاي ئەتراپىدا جازا لاگېرىغا ئىلىپ كېتىلگەن بولۇپ، 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان. سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئېغىر چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن. ئەخمەتجاننىڭ ئېيتىشىچە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا ئاكىسى ھەمدە دادىسىنىڭ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلاملىقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
ئەخمەتجان ئابلىمىت زىيارەت داۋامىدا ھەدىسى ماھىنۇر ئابلىمىت ۋە ئۈچ بالىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئائىلىسىگە سالغان زىيانكەشلىكى سەۋەبلىك دادىسى، ھەدىلىرى ۋە سىڭلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئەخمەتجان ئابلىمىت ئانىسى ھەجەرگۈل نۇر ۋە ھەدىسىنىڭ يولدىشى ئىلياس تۇرسۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم 14 يىللىق ۋە 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ بۇندىن بۇرۇن ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك تارىخى ۋە ئارخىپى يوق ئىدى. پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلاندى.»
ئەخمەتجان ئابلىمىت زىيارەت داۋامىدا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئائىلەمگە، ئائىلەمنىڭ بۇرۇنقى بەختلىك ھالىتىگە قايتىپ كېلىشىگە ۋە شۇنداقلا خانىۋەيران بولغان باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بەختلىك ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى