2008.07.11
ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قاتار سىياسىي ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەردى
8 – ئىيۇل كۈنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى «چېنگۇئاڭ باغچىسى» ئائىلىلەر قوروسىدىكى بىر بىنا ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، 5 ئۇيغۇر ياشنى ئېتىپ تاشلىغان، 2 ياشنى يارىلاندۇرغان،سەككىز ئادەمنى قولغا ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەزكۇر » 8 – ئىيۇل ۋەقەسى»دىكى ئۇيغۇرلارنى «غازاتچىلار» دەپ جاكارلىغان.
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىچىدە قىزلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن سىرت يەنە مەزكۇر غازاتچىلارنىڭ قولىدا پىچاق بارلىقىنى، شۇڭا ئۇلارغا ئوق چىقىرىپ، بەش ئادەمنى ئولتۇرۇپ، ئىككىسىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
مەزكۇر ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قولىدا قورال بولمىغان ئادەملەرنى كوللېكتىپ ئوققا تۇتۇشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ سەلبىي ئىنكاسلىرىنى شۇنىڭدەك خىتاي دائىرىلىرى خەۋەر قىلغان بۇ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى تۈرلۈك گۇمانلارنى قوزغىغان. ئۇيغۇرلار بولسا، قولىدا قورال بولمىغان ئادەملەرگە ئوق چىقىرىشنىڭ ئۆزى زوراۋانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ قانداقتۇر بىرەر تەشكىلات ئەمەس بەلكى، ئۆزلىكىدىن بىر يەرگە يىغىلىپ، دىنىي سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان تىنچ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.
قەشقەردە ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، بەش ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى
9 – ئىيۇل كۈنى يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى يېڭى شەھەر ناھىيىسىدە ئون مىڭ ئادەم قاتناشتۇرۇلغان بىر ئوچۇق سوت ئېچىپ، مۇختەر سېتىۋالدى ۋە ئابدۇۋەلى ئىمىن ئىسىملىك ئىككى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلغان، ئۈچ نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ، ئىجرا قىلىش بەلگىلەنگەن، قالغان 15 ئادەمگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇستەقىللىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ خەۋەرنى خىتاي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دەل ۋاقتىدا خەۋەر قىلمىغان.
بۇ بىر قاتار پاجىئەلىك ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى, ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە ئۆز كۆز نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانە ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى 82 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى
10 – ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى 1 – ئايدىن 6 – ئايغىچە بولغان ئالتە ئاي ئىچىدە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قەستىدە بولدى دەپ ئەيىبلەپ، 82 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى ھەمدە بۇ خىلدىكى 5 تەشكىلاتنى پاش قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكىنىڭ كابېل خەۋەرلەر تورى يەنى س ن ن ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جۇڭۋېي، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئالتە ئېيى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە «جىھادچىلار» نى تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە قانۇنسىز دىنىي تەبلىغە ئېلىپ بارغان 41 ئورۇننى پېچەتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى بۇ باياناتىنى 8 – ئىيۇل كۈنى بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئولتۇرۇش ھەمدە قەشقەر يېڭى شەھەردە ئوچۇق سوت ئېچىپ،بەش نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن پەيتتە ئېلان قىلغان.
تۈركىيىدە ياۋرو ئاسىيا تەتقىقات تەلىم – تەربىيە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى رەسمى قۇرۇلدى
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشى 1950 – يىللاردىن باشلانغان بولۇپ، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۈگۈنگىچە نۇقتىلىق ھالدا ئۆز يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ دەردىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىدى.
بىراق، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس كىتابلارنى نەشىر قىلىش ئىشلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشلانغان بولۇپ، يېقىندا ئىستانبۇلدا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى تەرىپىدىن ياۋرو – ئاسىيا تەتقىقات تەلىم – تەربىيە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى رەسمى قۇرۇلۇپ، تۈركىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان.
سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى توكيودا ئېچىلدى
تەرەققى قىلغان سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، كانادا، رۇسىيە ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى 7 – ئىيۇل كۈنى ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئارىلىدا 34 – قېتىملىق يىغىنىنى چاقىردى. بۇ يىغىنغا يەنە خىتاي، ھىندىستان، برازىلىيە قاتارلىق تەرەققى قىلىۋاتقان 22 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.
يىغىن جەريانىدا زىمبابۇۋى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا مەسىلىسى، ئېنېرگىيە ھەم ھاۋا كىلىماتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ، خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇكۇدا قاتارلىق ئەربابلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، سۆھبەتلەشتى شۇنىڭدەك رۇسىيە، خىتاي رەھبەرلىرىمۇ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
پرېزىدېنت بۇش رەئىس خۇ بىلەن كۆرۈشكەندە ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىلىرى تىلغا ئالدى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ بىلەن ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى راكېتادىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى، ئىران مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە سۆزلەشتى. خۇ جىنتاۋ فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بىلەن كۆرۈشتى شۇنىڭدەك ساركوزىي ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.