ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.30
2008.06.30

بۇ زىيارىتىدە يەنە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى زافەر ئۇسكۇلگە يېقىندا ئۇرۇمچىدە سوتقا تارتىلىدىغان 65 كىشىنىڭ ئەھۋالى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە چېقىۋەتكەن مەسچىت ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئىچىگە ئالغان بىر دوكلاتنى سۇندى.
شۇنداقلا بۇ دوكلاتتا ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىمۇ بايان قىلىنغان. د ئۇ ق مۇاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.