2008.06.13
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر كانادادا زىيارەتتە بولماقتا
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر چارشەنبە كۈنى كانادا زىيارىتىنى باشلىدى. ئىگىلىشىمىزچە، رابىيە خادىم چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئوتتاۋادا كانادانىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھۈسەيىنجان جېلىل مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
ئارقىدىن تورونتو شەھىرىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ھەمدە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەم كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.
ئامېرىكا ئالىي سوتى گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە قارار قوبۇل قىلدى
ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى قارار چىقىرىپ، گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ پۇقرالار سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىدى. ئالىي سوتنىڭ بۇ قارارىنىڭ گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.
ھازىر گۈەنتانامو تۈرمىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكى ئېلان قىلىنغان. تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ مەسىلە بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىر قىسىم مەجلىس ئەزالىرى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىدا قالدۇرۇلۇشى ھەمدە ئۇلارغا تۆلەم تۆلۈشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئالىي سوتنىڭ بۇ قارارىغا نىسبەتەن پرېزىدېنت بۇش ئىنكاس قايتۇرغان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش رىمدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالىي سوتنىڭ قارارىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى سېناتور شېرىد براۋن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار لايىھىسى سۇندى
22 – ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېرىد براۋن تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 574 – نومۇرلۇق قارار لايىھىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا سۇنۇلغان ئىدى.
مەزكۇر لايىھە 2007 – يىلى 18 – سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قوبۇل قىلىنغان 497 – نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنىڭ ئاساسىدا تەييارلانغان، لېكىن مەزمۇنى بىر قەدەر كەڭرەك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
574 – نومۇرلۇق قارار لايىھىسىدە،» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى، تىنچلىق بىلەن ئۆز نارازىلىقلىرىنى ۋە سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان بېسىملارنى توختىتىشىنى ۋە كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھۈسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ كانادادىكى ئائىلىسى بىلەن بىرلىشىشىغا رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ،» دېيىلگەن.
چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ۋاپاتى تۈرك دۇنياسىنى ماتەمگە چۆمدۈردى
دۇنياغا مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ۋاپاتى تۈرك دۇنياسىنى جۈملىدىن قىرغىزىستاننى ماتەمگە چۆمدۈردى. چىڭگىز ئايتماتوف 10 – ئىيۇن كۈننى گېرمانىيىدە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مېيىتى قىرغىزىستانغا ئېلىپ كېلىنگەن .
چىڭگىز ئايتماتوف تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ تونۇلغان يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىككى قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا تەۋسىيە قىلىنغان. ئۇ، 1928 – يىلى، قىرغىزىستاندا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى قىرغىز، ئانىسى تاتار بولۇپ، ياش چىڭگىز ئايتماتوف 1958 – يىلى موسكۋادىكى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىغا كىرىپ، ئىلگىرى كېيىن » ئەسىرگە تەڭ بىر كۈن» قاتارلىق كۆپلىگەن رومان، پوۋېست ھەم ھېكايىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 80 نەچچە خىل تىلدا نەشىر قىلىنغان .
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىلنى ئايتماتوف يىلى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. چىڭگىز ئايتماتوف ئون نەچچە يىل ۋاقىت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى قىرغىزىستاننىڭ بېلگىيىدىكى باش ئەلچىسى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ نەشىر قىلىنغان ئىدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ياپونىيىدە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن ھەپتىدە ياپونىيىگە سەپەر قىلىپ، بىر قىسىم ياپون ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچراشتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ياپونىيىنى زىيارەت قىلىپ، ياپونىيە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرگەن. رابىيە خانىمنىڭ بۇ زىيارىتى ياپونىيىدە ئۈنۈملۈك تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان ئىدى.
بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى بولسا، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ياپونىيىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى. يۇقىرىقى بىر قاتار پائالىيەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيىنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئورۇن ئالغان .
خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا
خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 10 – ئىيۇندىن 18 – ئىيۇنغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جەمئىيەت ۋە مىللەتلەر مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغان.
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن. يېقىندا خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىمۇ ئۇيغۇر ئەلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مىللىي رايونلاردىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.