خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 5 كۈنلۈك ياپونىيە سەپىرىدە خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئويلاپ باقمىغان بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر تارىخشۇناس توختى مۇزاتنىڭ مەسىلىسى ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.12
 خۇ جىنتاۋنىڭ ياپونىيە زىيارىتىدە تىبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى كىشىلەرنىڭ قىياسىدىكى ۋەقە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، سابىق ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ بىر ئەتىگەنلىك چاي زىياپىتىدە توختى مۇزات مەسىلىسىنى سورايدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك. بۇ ۋەقە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا چوڭ خەۋەر تېمىسى بولۇپ قالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن توختى مۇزاتنىڭ ياپونىيىدە ياشايدىغان خانىمى رابىيە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، توختى مۇزاتنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۇندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىدى، دەپ ئەيىبلىگەن ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى تارىخشۇناس توختى مۇزات، ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنىڭ توشۇشىنى كۈتۈپ ياتماقتا. توختى مۇزاتنىڭ ۋەقەسى يېقىندا سابىق ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابېنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا مۇزاتنىڭ مەسىلىسىنى ئەسلىتىشى ۋە توختى مۇزاتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى بىلەن ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئېسىگە كەلگەن بولدى.

شىنزۇ ئابې توختى مۇزاتنىڭ مەسىلىسىنى خۇ جىنتاۋ قاتناشقان بىر ئەتىگەنلىك چاي زىياپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، توختى مۇزاتنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىگەن. خۇ جىنتاۋ بولسا ۋەقەنى تەكشۈرىدىغانلىقى، ئۇيغۇر تارىخچىنى جازالاشنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن توختى مۇزاتنىڭ ياپونىيىدە ياشايدىغان خانىمى رابىيە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

مۇزاتنىڭ دىلوسى غەرب ئەللىرىدە پارلامېنت ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىغا خېلى تونۇش ۋەقە. لېكىن بۇ ۋەقە يېقىنقى مەزگىللەرگە قەدەر ياپونىيىدە ھۆكۈمەت قاتلىمىغا كۆتۈرۈلمىگەن بىر دىلو ئىدى. مۇزات ۋەقەسىدە ياپونىيىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى 1 ‏- قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2007 ‏- يىلى ياپونىيە زىيارىتىدە توكيو دائىرىلىرىگە خاتىرىلەتكەن ئىدى. ئۇ شۇ قېتىمقى زىيارىتىدە شىنزۇ ئابې بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇزاتنى قويۇۋېتىش توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا خۇ جىنتاۋنىڭ ياپونىيە سەپىرى ھارپىسىدا توكيونى زىيارەت قىلىپ، شىنزۇ ئابې بىلەن ئۇچراشقان ھەم رابىيە قادىرنىڭ مۇزاتنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى تەلىپىنى يەتكۈزگەن ئىدى.