خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئابە ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن يىغىن مەيدانىدا بىر مەھەل ناھايىتى سوغۇق كەيپىيات ھۆكۈم سۈرگەن. خۇ جىنتاۋ بولسا توختى تۇنىياز مەسىلىسىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، قانۇنى رەسمىيەتلەرنىڭ تەلتۆكۈس ئىجرا قىلىنغان – قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ ئابە ئەپەندىنىڭ تىبەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان نائوكا خانىم، ياپونىيىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابىنىڭ خىتاي دۆلەت باشلىقىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇنداق بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىر يېڭىلىق ھەم ئالقىشلاشقا ئەرزىيدىغان دىپلوماتىك ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
ياپونلارنىڭ كۆپى بۇددىست، شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپى تىبەت مەسىلىسىنى بىلىدۇ. ئەمما ھازىرغىچە ياپونىيە دۆلەت رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ باققان ئەمەس. تارىختا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. مەنچە بۇ ناھايىتى مۇھىم. بۇ ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بىر يېڭىلىق ۋە دىپلوماتىك ئىلگىرىلەش. توختى تۇنىيازنىڭ مەسىلىسى خىتاي رەھبەرلىرىگە بۇرۇنمۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقىدەك ئالىي رەھبەرلەرگە دېيىلگەن ئەمەس. شۇڭا مەنچە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ناھايىتى مۇھىم.
نائوكا خانىم بۇنداق بولغان بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياپونىيىدە ئاڭلىتىشنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ياپونىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش يېتەرلىك ئەمەس. بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ياپونلارغا ئاڭلىتىش كېرەك. ياپونىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكىگە ئوخشىمايدۇ. ياپونىيە خىتاي بىلەن خوشنا، ئۇ دۆلەتلەر خوشنا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياپونلارغا قۇرۇق شوئارلار بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئاڭلىتىش كېرەك.»
ياپونىيىدە ياشاۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ياپونىيىدە بۇ سەۋىيىگە يېتىشىدىكى ئامىللار ئۈستىدە توختاپ مۇنداق دېدى:
(1) يېقىنقى يىللارغىچە سىستېمىلىق ھەم تەسىرچانلىققا ئىگە بىر شەكىلدە ياپون جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىلماي كەلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسى 2 يىلدىن بۇيان مىزۇتانى نائوكو خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان قانچىلىغان چوڭ ھەجىملىك تەسىرلىك ماقالىلار ئارقىلىق ياپون زىيالىيلار قاتلىمى ۋە سىياسىيونلار ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىدى.
(2) ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتى رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ياپون ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كەڭ ياپون خەلقىغە ئاڭلاتتى. بولۇپمۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھارپىسىدا نەشىردىن چىققان «خىتايدىن پالىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار» (ئاپتورى: مىزۇتانى نائوكو) ناملىق كىتاب ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ياپونىيىدە چوڭ زىلزىلە پەيدا قىلدى.
(3) رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن يىلى كۈزدىكى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپون سىياسىيونلىرىدىن تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسلار خۇ جىنتاۋنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھارپىسىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نەتىجىدە ئابە ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم غوللۇق ئوڭچى پارلامىنېت ئەزالىرى توختى تۇنىيازنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى ناھايىتى دەل ۋاقتىدا بېسىلغان زور ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.
(4) خۇ جىنتاۋنىڭ ياپون زىيارىتى ھارپىسىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئورگان جۇرنىلى ھېسابلىنىدىغان «ئەتىمىز ئۈچۈن تاللاش» ناملىق جۇرنالدا «ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىغىمۇ قۇلاق سېلىڭلار» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مىزۇتانى نائوكو يازغان بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ئادەم يىغلاپ تاشلايدۇ. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى بۇ ماقالە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.
(5) خۇ جىنتاۋنىڭ ياپونىيىگە كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ توختى تۇنىيازنىڭ ياپونىيىدە تۇرىۋاتقان ئايالى رابىيە توختى خانىم مىزۇتانى نائوكو خانىمنىڭ يول كۆرسىتىشى ھەم ياردىمى ئارقىلىق ئابە ئەپەندىگە خەت يوللاپ، يولدىشىنىڭ مەسىلىسىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆتۈنگەن ئىدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر ياپونىيىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى كېرەكلىكىنى دەپ ئۆتتى.