2008.03.13
تەپسىلاتى ئېنىق بولمىغان » 7 – مارت ئايروپىلان ۋەقەسى» توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر ياۋرۇپا ئاخبارات ساھەسىدە، جۈملىدىن گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ تېگىشلىك ئورۇن ئالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ خەۋەرنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشىغا ئائىت ئۇچۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارمۇ قايتا تەكىتلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان دىققەت – ئېتىبار كۈچەيمەكتە.
ۋاڭ لېچۈئەننىڭ بايانلىرى
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىئوسىنىڭ 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىكى ئاساسى تېمىسى «شىنجاڭدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش كەسكىنلەشمەكتە» ناملىق تەپسىلى خەۋىرىدە، بۇ قېتىمقى ئايروپىلان ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1996 – يىلىدىن بۇيانقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلىرى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۆۋەتتە تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاساسى كۈرەش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ يازمىلىرى، مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ كۈرەشلىرى ھەم غايىسى توغرىسىدىكى بىر قاتار مەلۇماتلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭلېچۇەننىڭ باياناتى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ۋاڭ لېچۈئەن ھەر ساھە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى «ئايروپىلان ۋەقەسى» ھەققىدە توختىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمى جەريانى ھەققىدىمۇ توختالغان.
خەۋەرنىڭ «شىنجاڭ پارتكوم سېكرىتارى 1 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى تېررورغا قارشى ھەرىكەت ھەققىدە توختالدى» ماۋزۇلۇق بۆلىكىدە، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل ئېلىپ، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئېغىزى بىلەن، «27 – يانۋار ۋەقەسى» دە ئىككى نەپەر تېررورچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 15 نەپەر تېررورچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، بىر قىسىم قورال – ياراق، ئوق – دورىلارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى، تېررورچىلار ئۆزلىرى ياسىۋالغان بومبىلار ھەم ئەسەبىي دىنىي قۇتراتقۇلۇقنى مەزمۇن قىلغان ماتېرىياللارنىڭمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، يەكشەنبە كۈنى «ئايروپىلان ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندە، ئاتالمىش «ئايروپىلان ۋەقەسى»نىڭ كىملەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلەرگە ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى ياكى تېررورىستلىرىنىڭ مەقسەت – مۇددىئالىرى ھەم ئۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى پىكىرلەرگە كۆپرەك ئېغىرلىق بەرگەن.
بۆلگۈنچىلەرنىڭ مەقسىدى: ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش
ۋاڭ لېچۈئەن «27 – يانۋار ۋەقەسى» نى ئىزاھلاپ، «بۇ تېررورچىلارنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى شەرقىي تۈركىستانچىلار بىلەن ئالاقىسى بار،ئۇلار ئۆلەر – تىرىلىشىگە قارىماي، ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا» دېگەن.
ئولىمپىكنىڭ ئاتالمىش»ئۇيغۇر تېررورىستلىرى»نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكى خىتاينىڭ ئەڭ زور ئەندىشىسى بولسا كېرەك. بۇ پىكىرنى تەكىتلەۋاتقانلار يالغۇز خىتايلار ئەمەس. ئۆتكەن يىلى 12 – ئاينىڭ ئاخىرى، خەلق`ئارا جىنايى ئىشلار ساقچىسى تەشكىلاتىنىڭ سېكرىتارى رولاند ئەپەندىمۇ، خەلقارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى چوڭ يىغىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تېررورىزمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. گېرمانىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تېررور ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدە بېيجىڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
ئامېرىكا تەرەپمۇ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى. قانداقلا بولمىسۇن، «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىدۇر» دەپ ئۇزۇندىن بۇيان چۇقان سېلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇ قېتىمقى ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىنى ئالاھىدە داۋراڭ قىلىشىدىكى مەقسەتنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى، كۈزەتكۈچىلەرگە سىر ئەمەس. ئەمما «27 – يانۋار ۋەقەسى» گە ئوخشاش تەرەپلەر ئارىسىدا ئۇرۇش ھەم ئۆلۈم – يېتىم بولغان زور قانلىق توقۇنۇشنى ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق سىر تۇتۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەمدى نېمە ئۈچۈن تېررور خاراكتېرىنى ئۆزلىرىمۇ تېخى ئېنىق بېكىتىلمىگەن بۇ ئاتالمىش «ئايروپىلان ۋەقەسى»نى ھاپىلا – شاپىلا ئېلان قىلىشقا ئالدىرايدۇ؟ دېگەن سوئال، ھەر كاللىدا شەكىللەنمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش يولىدا
مەزكۇر خەۋەرنىڭ «شىنجاڭدا 90 – يىللاردىكى زىلزىلە پەيدا قىلغان ۋەقەلەر» ماۋزۇلۇق بۆلىكىدە بولسا، خەلق`ئارا مۇخبىرلارنىڭ ۋاڭ لېچۈئەن بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسى بىر قەدەر تەپسىلى بايان قىلىنغان. ۋاڭ لېچۈئەن باياناتىدا، 1992 – يىلىدىن 1995 – يىلىغىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر يىلى دېگۈدەك ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەر تۈرلۈك پاراكەندىچىلىكى يۈز بېرىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە، 1996 – يىلىدىن كېيىن بۆلگۈنچىلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، 1996 – يىلى 10 – ئايدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئون نەچچە شەھەر ۋە ناھىيىلىرىدىن كەلگەن بۆلگۈنچىلەرنىڭ خوتەنگە يىغىلىپ، «ئىسلام ئاللاھ پارتىيىسىنى» قۇرۇپ، پارتىيە پروگراممىسىنى بىكىتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ۋاڭلېچۈئەن يەنە، بۇ پارتىيىنىڭ 1996 – يىلى ھەرىكەت باشلاپ، 1997 – يىلى يۇقىرى دولقۇن پەيدا قىلىپ، 2000 – يىلى شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ پارتىيىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياسالغان نۇرغۇنلىغان قورال- ياراق ۋە ئوق – دورىلارنى ئوغۇرلۇقچە چېگرىدىن كىرگۈزىۋاتقاندا قولغا چۈشكەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتكە «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ چەت`ئەلدىكى رەھبىرى مەمتىمىن ھەزرەتنىڭ يىتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئوچۇقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋاڭ لېچۈئەن » 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتى دەپ ئىزاھلىغان. ئەمما بۇ ۋەقەنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ۋە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. چەت`ئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بولسا، «5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خەلق ھەرىكىتى سۈپىتىدە تونۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە قارشى ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ھەر يىلى نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. (ئەكرەم)