2008.02.25

Rabiye-Xanim.-150.jpg
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئاۋسترالىيىدە. RFA Photo

ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي ۋە كامبېرا شەھەرلىرىدىكى زىيارىتىنى نەتىجىلىك ئاياقلاشتۇرغان رابىيە خانىم ھەمراھلىرى بىلەن 23 ‏- فېۋرال كۈنى ئادېلايد شەھىرىگە يېتىپ بارغان.

ئادالايد ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، رابىيە خانىم بۇ شەھەردە يالغۇز ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ ‏- دىدارلىشىپلا قالماي، مەزكۈر شەھەردە ھۆكۆمەت ئەربابلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىشتەك ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتقان ھەمدە مەزكۈر ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن.

بىز سىلەرگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئادالايد شەھىرىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن، رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن بىرى يەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ( ئەقىدە)