سابىق ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى نۇرئەخمەت بۇرھان ئەپەندى. 2020-يىلى مارت، بېلگىيە.

كورلانىڭ تەكچە يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان نۇراخمەت بۇرھان شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوخشاشلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. بېرىلمىگەن پۇرسەتنى تەۋەككۈلچىلىك بىلەن يارىتىش غەيرىتىگە كەلگەن نۇرئەخمەت، دادىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە 2014-يىلى مىسىرغا كېلىپ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ بەدىلى ساۋاقداشلىرىنىڭكىگە ئوخشاشلا ئىنتايىن ئېغىر بولغان.

ئوغلىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ قانمىغانلىقىغا قاراپ ئازابلانغان، مەھەللە ئىمامى بۇرھان كىرەمتۇللا تونۇش-بىلىشلىرىدىن تىڭ-تىڭلاپ ئالغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، ئوغلىنى مەشھۇر ۋە قەدىمىي ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئەزھەردە ئوقۇتۇش پىلانىغا كەلگەن. ئۇ كەنت كادىرلىرىدىن ناھىيە باشلىقلىرىغا قەدەر، ئون نەچچىلگەن چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىشىكىگە قاتراپ يۈرۈپ، 2014-يىلى ئوغلىنىڭ پاسپورتىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئەزھەرگە يولغا سالغان.

دادىسىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىدىن تەسىرلەنگەن، نۇرئەخمەت پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرى دادىسىدىن ئەنسىز خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىغان؛يەنى يۇرتى كورلانىڭ تەكچە يېزىسىدىكى ساقچىلار، دادىسىنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق، ئۇنى يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە قىستىغان. بۇ خىل قىستاشلارغا بويسۇنۇپ يۇرتىغا قايتقان ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىلا غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان نۇرئەخمەت تۈرمىگە كىرىپ كېتىش قىسمىتىنىڭ ئۆزىنى نابۇت قىلغىنىدىن باشقا ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ھاياتىنى زەھەرگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىش بۇيرۇقىنى رەت قىلغان. 2017-مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تۇتقۇن باشلانغاندا ئۇ بىر تۈركۈم ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مىسىر قاماقخانىسىدا ئىككى ئايچە سولاپ قويۇلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن بىر يوللارنى قىلىپ ئاۋۋال تۈركىيەگە ئاندىن بېلگىيەگە قېچىپ بارغان. ئۇ، قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلىق، مەھبۇسلۇق ۋە مۇساپىرلىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ھاياتنىڭ جاپا ۋە ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنتۇپ كەتكەن، ئەمما جاپاكەش دادىسىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىكى ئۇچۇرى ۋە ئايالى-بالىسىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ئۇنى بىر كۈنمۇ ئارامىدا قويمىغان. ئۇ ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، دوستلىرىدىن ئۈندىداردا گەپ سوراپ باققان. بىراق ئۇ ئۈندىداردىن شۇ زامان چىقىرىۋېتىلگەن، ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ دادىسىنىڭ نەدىلىكىنى سوراپ باققان بولسىمۇ، تېلېفون يۈزىگىلا قويۇۋېتىلگەن.

ئۇنىڭ  24-ئىيۇن كۈنىئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بايان قىلىشىچە، ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇنلىغان مۇھاجىرلارغا ئوخشاشلا، گەرچە تۇرمۇشى مولچىلىق ۋە ھاياتى بىخەتەر ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھەر كۈنى داستىخان ئۈستىدە ئائىلە ئەزالىرى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ ئېغىزىغا ئالغان تائامنى تەسلىكتە يۇتۇشقا زورلانغان، يېشىل باغچىلىق بىنالارنىڭ ئېگىز قەۋەتلىرىدە، كېچە-كېچىلەپ، ئۇيقۇسىز ئۆتكەن ۋە ياكى ئەنسىز، قورقۇنچلۇق چۈشلەر بىلەن تالاي قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن. ئۇ بەزىدە ئۆز-ئۆزىنى سوراققا تارتقان، يەنى خىتاي ساقچىلىرى يۇرتىغا چاقىرتقاندا قايتمىغانلىقىنىڭ توغرا قارار بولغان-بولمىغانلىقى ئۈستىدە ئويلانغان؛ ئۇ ئەگەر يۇرتىغا قايتقان بولسا، دادا-بالا ھەر ئىككىلىسىنىڭ تۈرمىدە بولۇش ئېھتىماللىقى؛ بۇنىڭ دادىسىنى تېخىمۇ ئازاپلايدىغانلىقى، قېرىنداشلىرىنى تېخىمۇ سەرسان قىلىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىپ، قەلبىگە تەسەللى تاپقان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بەزىدە، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھاياتىنىڭ نەرىدە خاتا كەتكەنلىكى، نېمىنى خاتا قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ ئويلىنىپ باققان؛ ئەمما ئۇلارنىڭ ھاياتلىرىدا ھېچكىمنىڭ ھەققىنى يېمىگەنلىكى، جەمئىيەتكە ھېچقانداق زىيان سېلىپ باقمىغانلىقى، ھەتتا بىر ھاشارەتنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولۇپ باقمىغانلىقىدەك تىنچ ۋە ئىتائەتمەن ھاياتىنى ئەسلىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پەقەت، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسارىتىدە ياشاپ قېلىشتىن باشقا «گۇناھى» يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەن. ئۇ شۇڭا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشنى، ئۇ نۆۋەتتە قىلالايدىغان ۋە قىلىشى كېرەك بولغان بىرىنچى ئىش دەپ قاراپ، ئائىلە پاجىئەسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە قارار بەرگەن.
نۇرئەخمەت بۇرھاننىڭ گۇۋاھلىقىدىن كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى كورلادىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ دادىسى بۇرھان كىرەمتۇللاھ ھەققىدە سورىغان ، ئەمما تېلېفوننى قوبۇل قىلغان خادىملار سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمىگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى