2008.02.15

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، جۈمە كۈنى ئاۋسترالىيىدە ئىككى ھەپتىلىك زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن مەزكۇر دۆلەتكە يۈرۈپ كەتتى. بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى مەزكۇر دۆلەتنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ، زىيارەت ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ھەپتىلىك زىيارەت جەريانىدا ئاۋستىرالىيىلىك ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، ئاۋسترالىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، پارلامېنت ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ كونكرېت زىيارەت كۈنتەرتىپى ھەم كىملەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

لېكىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنى توختىتىش، مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى كەۋىن رۇدنىڭ ئاۋستىرالىيىلىك يەرلىك ئاھالە ئوبېرجېنلاردىن رەسمىي ئەپۇ سورىغان مەزگىلىگە توغرا كەلدى. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى 1920 ‏- يىللاردىن 1970 ‏- يىللارغىچە ئوبېرجېنلارنىڭ بوۋاقلىرىنى ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىپ، ئاق تەنلىك ئائىلىلەر ياكى يەسلىلەردە بېقىپ چوڭ قىلغان.

كىشىلەر بۇ بوۋاقلارنى » ئوغرىلانغان نەسىللەر » دەپ ئاتىغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇتۇش سىياسىتىنى » كېيىنكى نەسىللەرنى ئوغرىلاش» دەپ تەنقىدلىگەن. (ئەركىن)