2008.02.04

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ناچار، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشى ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كەلگەن خىتايلار بېيىپ كەتكەن.

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ›ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز‹ دېگەن نام ئاستىدا يەنە، ئادەتتە كېچە سائەت 12 دىن كېيىن سرتتا يول ماڭغان كىشىلەردىن باشقا مىللەتلەرنى ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ›شەرقىي تۈركىستانچى‹ دەپ تۇتۇپ كېتىدۇ ؛ ئۇيغۇرلار سىرتقا تېلېفون قىلسا، پوچتىخانىلار سۈرۈشتە قىلىدۇ، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى كۆرۈش جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا چەكلىمە بار.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان پروگراممىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.