2008.01.28

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋەتەن ئىچى ‏- سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇراجىتى نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي ھاكىميىتىنىڭ زوراۋان سىياسىتىدە تارتىۋاتقان ئازاپ ‏- ئوقۇبەتلىرىدىن خەۋەرلەنگەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار رابىيە خانىمنىڭ مۇراجىتى بىلەن قايتا ئويغىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە مەنىۋىي ‏- ماددىي ياردەملىرىنى ئىپادىلىمەكتە.

بۇ ھەقتە، ئالماتىدا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا، قازاقىستاندىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.