2008.01.16

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە ئېلان قىلغان مۇراجىئىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىدە تەسىر قوزغىماقتا. ئالماتا ئەتراپىدىكى يېزىدا ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ، شائىر مالىك ئەپەندى رابىيە خانىمنىڭ مۇراجىئىتى ئېلان قىلىنغان سىن ئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن يېزا خەلقى ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە ئىرادىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى .

تۆۋەندە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ، شائىر مالىك سادىروف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر .