2008.01.07

د ۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ۋولكېر بەك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 10 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى 2007 – يىلى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە گېرمانىيە پارلامېنتىغا 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان بولۇپ، پارلامېنتتا بىر سائەتتىن ئارتۇق مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن. بۇ لايىھىگە «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغدايلى» دەپ نام قويۇلغان. گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى ۋولكېر بەك ئەپەندى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھىسى، گېرمانىيە جامائىتى ئارىسىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغاپلا قالماي، د ۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇ تەكلىپ لايىھە ھەققىدە د ۇ ق باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن،ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.