2007.12.27

ياپونىيە باش مىنىستىرى ياسۇ فۇكۇدا پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، خىتايغا قاراتقان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياسۇ فۇكۇدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي ‏- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ياپونىيە ‏- خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئەڭ نازۇك تېمىلاردىن بىرى بولغان شەرقىي دېڭىز ئېنېرگىيىنى ئېچىش مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىشتىن سىرت، نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلانغان مۇھىتنى ياخشىلاش ھەققىدە خىتاي – ياپونىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

ياسۇ فۇكۇدا خىتايدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگولار بىلەن ئايرىم ‏- ئايرىم ئۇچرىشىدىكەن.

بۇ ، ياسۇ فۇكۇدانىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ خىتاي ‏- ياپونىيە مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن يەنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندا ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان 20 نەچچە كۈنلۈك زىيارىتى ئىنتايىن غەلىبىلىك ئاياقلاشقان بولۇپ، رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ياپونىيە دائىرىلىرى شۇنىڭدەك ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، ياپونىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغىغان ئىدى. (ئەقىدە)