2007.12.21

ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانسىمىز مۇخبىرى ئەقىدەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېزراق ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ياردەم كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان تۈرمە ئىچىدىكى بارلىق مەھبۇسلارنىڭ، ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرىدىن شۇنىڭدەك ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايانلىرىغا قۇلاق سالغايسىلەر.