2007.12.18

ياپونىيە 12 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى ھونولۇلۇ ۋاقتى چۈشتە، بېيجىڭ ۋاقتى بۇيىچە 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە، تىنچ ئوكياننىڭ 160 كىلومېتىر ئېگىزلىكىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ پاچاقلاش سىنىقى ئۆتكۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ سىناقتا، ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ ›كونگو‹ بەلگىلىك مۇداپىئە پاراخوتىدىن ئېتىلغان SM3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پېرىل خاربور بازىسىغا يېقىن جايدىكى ئېراى ئارىلىدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلدىغان بومبا مودىلىنى ئاتموسفېرانىڭ سىرتىدىكى ئالەم بوشلۇقىدا توسۇپ پاچاقلىدى. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە دۇنيا بۇيىچە SM3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئامېرىكىدىن باشقا تۇنجى دۆلەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

ياپونىيە – ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقى تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە

بۈگۈنكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە، ياپونىيىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭغا دېڭىز يۈزىدىن مۇداپىئەلىنىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بارغان SM3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقى تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە، دەپ قارالدى. ياپونىيىنىڭ بۇ يېڭى سىنىقى ئاساسەن شىمالى كورىيىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈلدى. شۇنداقلا بۇ سىناقتىن كېيىن، تەيۋەن بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى ھاۋا يول قاتنىشى باشلانغانلىقى، ئەمما ياپونىيىنىڭ بۇ قېتىمقى SM3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىدىن كوممۇنىست خىتاينىڭ ئەندىشىگە قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى SM3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ۋەكىلى نوبۇتاكا ماكىمۇرا بۇنى ياپونىيە- ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقى تارىخىدىكى يېڭى بىر سەھىپە دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمدى ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ ›كونگو‹ بەلگىلىك مۇداپىئە پاراخوتى يېڭى يىل بايرىمى مەزگىلىدە تىنچ ئوكياندىن قايتىپ كېلىپ، ئەمەلىي ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرالايدىغان ھازىرقى يېڭى مۇداپىئە سىستېمىسىنى قاچىلايدۇ. ياپونىيە بۇنىڭدىن بۇرۇن ›ۋەتەنپەرۋەر ئۈچ‹ بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشلاپ تېخىمۇ ئىلغار يېڭى مۇداپىئە سىستېمىسىنى قوللىنىدۇ.

خىتاينىڭ ›يەر شارى ۋاقىت گېزىتى’نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى دېگەن بۇ ھەربىي تەشكىلاتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى ھازىر ئىشقا چۈشتى.

شىمالى كورىيىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1998 ‏- يىلى شىمالى كورىيىنىڭ ›پوتوڭ‹ بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ياپونىيىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتكەندىن باشلاپ، ياپونىيە پىنيوڭ ھۆكۈمىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا كىرىشىپ، بۇيىل 3 ‏- ئايدا ياپونىيە-شىمالى كورىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان باشقۇرىدىغان بومبا سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى.

ياپونىيىنىڭ بۇ قېتىمقى SM3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئالدى بىلەن شىمالى كورىيىنىڭ ›رودوڭ‹ بەلگىلىك 200 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تەيۋەن بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى ھاۋا يوللىرى ئېچىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيۋەندىن بايان قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تەرەققى قىلدۇرغان SM3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ، تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ياپونىيە بۇ قېتىم ھاۋا بوشلۇقىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا دېڭىز يۈزىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەن ھۆكۈمىتى يېڭى تەسىس قىلىنغان ئۈچ ھاۋا يول قاتنىشى پىلانىنى دەرھال تەستىقلىدى.

ئەمدى تەيۋەن بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تەيۋەندىن ياپونىيىنىڭ ساپپورو، توكيو، ئوساكا، ناگويا، فۇكۇئوكا شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ھاۋا قاتنىشى باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئەمدى 1949 ‏- يىلىدا خىتايدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن تەيۋەن بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش باشلاندى.

خىتاي ئەندىشىدە

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ SM3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ مۇۋاپپەقىيىتى ئاسىيادا تىنچلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزدى. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە قارىتا مۆتىدىل ئىنكاس قايتۇرۇشقا تىرىشتى. ئۇ يەنىلا ياپونىيىنىڭ تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىغا ياردەملىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ ياپونىيىنىڭ SM3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرگەندە ›بىز ياپونىيىنىڭ تىنچ تەرەققى قىلىش يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز.

ياپونىيىنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ رايون خاراكتېرلىق مۇقىملىققا دەخل يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز‹ دېدى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ تەيۋەن -ياپونىيە -ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا ›جۇڭگو ھەر قانداق دۆلەتنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، تەيۋەن مەسىلىسى جوڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشى‹ دەپ تەكرارلىدى. (ۋەلى)