2007.12.14

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 12 -دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ، مەھبۇسلارغا مۇئامىلە قىلىشتا ئىنسانىي بولۇشقا، تەن سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەن ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمگە تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى، 13 - دېكابىر كۈنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇردى.
ئەلچىخانا باياناتچىسى ۋاڭ باۋدوڭ تەرىپىدىن قايتۇرۇلغان ئىنكاستا، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم مەسىلىسىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن :»جۇڭگودىكى مەھبۇسلارنىڭ كېسەل بولۇپ قالغاندا داۋالىنىش ھوقۇقى بار؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە، كېسەل ھالىتىدىمۇ، تۈرمىنىڭ قائىدە -تۈزۈملىرىگە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بار. جۇڭگونىڭ قانۇنىدا، مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋە مەھبۇسلارنى خورلاش چەكلەنگەن. ئەمما مەھبۇسلار تۈزۈمگە بويسۇنمىسا جازالىنىدۇ.»
مەزكۇر ئىنكاستا، رابىيە قادىر خانىمنى » شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىسى» دەپ ئاتىغان ۋاڭ باۋدوڭ » بۇلار شىنجاڭنى جۇڭگودىن بۆلۈۋېلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرخىل ئىغۋالارنى تارقىتىپ تۇرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ھاقارەت قىلىدۇ. مەقسىتى، دۇنيا جامائىتىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش» دەپ بىلدۈرگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھازىر بېلگىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. رابىيە خانىم، خىتاينىڭ تۈرمە تۈزۈملىرى ھەققىدە توختالدى.
رابىيە قادىر خانىم خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنكاسىدىكى «مەھبۇسلار تۈرمە تۈزۈمىگە بويسۇنۇشى كېرەك» دېگەن سۆزىنى ماھىيەتتە «ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ھەق دەۋادىن ۋاز كېچىشى كېرەك دېگىنىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم، بىر مىللەت بەخت سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاندىن ئائىلىسىنىڭ بۇ بەدەلنى تۆلەشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر يەنە قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتتى. (شۆھرەت ھوشۇر)