2007.12.14
خىتايدا، 1937- يىلى 13- دېكابىر ياپونىيە ئارمىيىسى گومىنداڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پايتەختى نەنجىڭگە بېسىپ كىرگەندىن باشلاپ نەنجىڭدە 6 ھەپتە قەتلىئام ئېلىپ بېرىپ، 300 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان ۋە 20 مىڭ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان دېگەن پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. خىتايلار بۇ كۈننى خىتاي تارىخىدىكى «زۇلمەتلىك كۈن» دەپ ئاتاپ » 13- دېكابىر نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى» دەپ بېكىتىپ، ھەر يىلى نەنجىڭ شەھىرىدە بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، قەتلى قىلىنغان كىشىلەر ۋە قازا تاپقان ئەسكەرلەرنىڭ روھىغا سېغىنىپ كەلمەكتە.
ياپونىيىدە «نەنجىڭ ھەققىدە ھەقىقەت» ناملىق بىر فىلىم ئىشلەندى
ھالبۇكى، خىتايدا بۇ يىل يەنە، نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان مىنۇتلاردا، ياپونىيىلىك كىنو ئىشلىگۈچى، دىرېكتور ساتورۇ مىزۇشىما نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان «نەنجىڭ ھەققىدە ھەقىقەت» ناملىق بىر فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ فىلىم 2008 – يىلى يانۋاردا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
رويتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، دىرېكتور مىزۇشىما ئەپەندىنى 14 – دېكابىر جۈمە كۈنى بىر مۇھاكىمە يىغىندا سۆز قىلىپ، ياپونلار ئۆزلىرىنىڭ نەنجىڭدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى دۇنياغا بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، رېژىسسور مىزۇشىما ئەپەندى ئىشلەپ چىققان بۇ فىلىم، 13- دېكابىر نەنجىڭ ۋەقەسىگە توغرىلاپ بازارغا سېلىنغان چەتئەل فىلىملىرىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
دەرۋەقە، بۇ يىل ئامېرىكىدا ئىشلىنىپ 12- دېكابىر كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغان «نەنجىڭ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھازىر ئوسكار نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
مىزۇشىما ئەپەندى: «بۇ يەردە مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدىغان بىر پاكىت؛ نەنجىڭدە قىرغىنچىلىق يۈز بەرگىنى يوق»
رېژىسسور مىزۇشىما ئەپەندى: «بۇ يەردە مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدىغان بىر پاكىت — نەنجىڭدە قىرغىنچىلىق يۈز بەرگىنى يوق» دېگەن ۋە » بىز بالىلىرىمىزنىڭ ياپونىيە بىر ياۋايى دۆلەت ئىكەن دېگەن چۈشەنچىدە چوڭ بولۇشىنى خالىمايمىز» دەپ قوشۇمچە قىلغان. ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ دۆلەت گېمىننىنى ئورۇندىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، ياپونىيىلىك رېژىسسور مىزۇشىما ئەپەندى ئىشلىگەن «نەنجىڭ ھەققىدە ھەقىقەت» ناملىق فىلىم ياپونىيىدىكى ئوڭچى گۇرۇھ ۋە كونسېرۋاتىپلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىرقى توكيو شەھەر باشلىقى شىنتارو ئىشىخارا ئەپەندىمۇ بار ئىكەن.
مۇھاكىمە يىغىنىدا مىزۇشىما ئەپەندى ئىشلەپ چىققان يېڭى فىلىم كۆرسىتىلگەن بولۇپ، فىلىمدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇرۇش مەزگىلىدە ياپون ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان كونا ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى نەنجىڭدە قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى تەن ئالمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا فىلىم ئېكرانىغا «ياپون ئارمىيىسىنىڭ نەنجىڭگە كىرىشى، بۇ شەھەر خەلقىگە تىنچلىق ۋە تەرتىپ ئېلىپ كەلدى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.
ياپونىيىدە ئىشلەنگەن «نەنجىڭ ھەققىدە ھەقىقەت» دېگەن فىلىم، ياپونىيە ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور شۇدو خىگاشىناكونونىڭ ئەسىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، خىگاشىناكونو ئەپەندىمۇ مۇھاكىمە يىغىندا سۆزگە چىقىپ، «نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى» قارىشىنىڭ شۇ مەزگىلدە نەنجىڭدە ياشاۋاتقان ئامېرىكىلىق ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە ئوخشاشمايدىغان قاراشلار مەۋجۇت
ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقىدا توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تارىخ پروفېسسورى سۋېن سالېر ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىك بولسىمۇ، تارىخ نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ۋەقەدىن تېنىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ئورۇنسىز ئىكەن.
گەرچە مىزۇشىما ئەپەندىنىڭ يېڭى فىلىمى ياپونىيە ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر قوللايدىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
سۇرۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور توكۇشى كاساخارانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ پەقەت بۇ كىنونىڭ زادى قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈنلا كىنونى كۆرۈشىنى قارار قىلغان بولسىمۇ، بۇ فىلىمدىن نومۇس ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «لېكىن مەن نومۇس ھېس قىلىمەن. چەتئەلدە شۇنچە كۆپ ئىشەنچلىك ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلەندى. بىز بولساق مۇشۇنداق كىنونى ئىشلەپ ئولتۇرۇپتىمىز.» دېگەن.
نەنجىڭ ۋەقەسى خىتاي – ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى
نەنجىڭ ۋەقەسى خىتاي – ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، 2005- يىلى ئاپرېلدا خىتايلار نامايىش قىلىپ ياپون دائىرىلىرىدىن «نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى» چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ھەمدە ياپونىيىنىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىدىكى ئەلچىخانىلىرىنى قورشىۋالغان بولۇپ، نەتىجىدە شۇ سەۋەب تۈپەيلى خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دەز كەتكەن ئىدى.
گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى مۇئەييەن دەرىجىدە ياخشىلانغان بولمىسىمۇ، ئەمما توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى سالېر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مىزۇشىما ۋە خىگاشىناكونولار ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيىلەر، خىتاي-ياپونىيە ئارىسىدا يەنە بەزى تالاش تارتىشلارنى كېلىپ چىقىشىغا تۇتۇرۇق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى ياسۇئو فۇكۇدا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياكى كېلەي ئاينىڭ باشلىرىدا خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا نەنجىڭ شەھىرىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن. (جۈمە)