2007.12.12
10 - دېكابىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى يۇلتۇز رېستورانى زالىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئابدۇرىشىت تۇردىلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇراجىتىنى تېلېۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.