2007.12.12
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، 2007 – يىلى 7 - نويابىردىن 29 – نويابىرغىچە، ياپونىيىدە 3 ھەپتىلىك زىيارەتتە بولدى. رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا 12 شەھەردە 14 قېتىمچە نۇتۇق سۆزلەپ، ياپونىيە كېڭەش پالاتاسى شۇنىڭدەك ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان يىغىلىشلارغا قاتناشتى.