2007.12.05

خىتاي خەلق كۈندىلىك گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق خىتايچە نۇرغۇنلىغان تور بەتلەردە سەيشەنبە كۈندىن بۇيان، ئىلگىرى تارىختا بىر قېتىم غايىپ بولغان كروران قەدىمىي شەھىرى نۆۋەتتە ئادەملەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش سەۋەبلىك قايتا يەر شارىدىن مەڭگۈلۈك غايىپ بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ھەم مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئەجىبا، نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق قۇم بارىخانلىرىمۇ، خىتاينىڭ يادىكارلىقلارنى قوغداش قانۇنلىرىمۇ، دۆلەتلىك قوغدىلىدىغان بۇ قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ ئەسەبىيلەرچە ئاياق ئاستى قىلىنىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان كىم؟ ئەسلىدە كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى باشلىقى مىڭ خەنگاۋ ھەر بىر چەت ئەللىك ساياھەتچىدىن 10 مىڭ يۈەن ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خالىغانچە زىيارەت قىلىشىغا قويۇپ بەرمەكتە ئىكەن. تەئەجۈپلىنەرلىكى، كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشىغا يول قويۇۋاتقان مىڭ خەنگاۋ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم جاۋابكارلىقىنى تونۇپ يەتمەكتە يوق، ئەكسىچە پۇل ئېلىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى كىرورەنگە كىرگۈزۈشنى، بۇ مەدەنىي يادىكارلىق ئورنىنى قوغداشتا، ئۆز ئالدىغا ئويلاپ چىققان ئۈنۈملۈك مەبلەغ ھەل قىلىش تەدبىرى دەپ قارايدۇ.
كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسى — قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق
كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن قەدىمقى زامان ئىنسانلىرىنىڭ تارىخىنى تېپىپ چىقىش ھەم ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا، ئىنسانلارنى ئىنتايىن قىممەتلىك ئارخىلوگىيىلىك مۇھىم ماددىي بۇيۇم ھەم پاكىت بىلەن تەمىن ئەتكەن قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى. شۇنداقلا، قەدىمقى ئەجدادلارنىڭ، تارىخنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە قۇم بورانلارغىمۇ بەرداشلىق بېرىپ نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن، يىراقلارغا قەدەر رىۋايەت كەبى داڭقى كەتكەن بىر سىرلىق جاي شۇنداقلا، ئارخىلوگىيىلىك ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بىباھا مۇزېي.
نۆۋەتتە بۇ قەدىمىي شەھەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان، ئۇنىڭغا تەھدىت كۆرسەتكەن ئامىل قۇم - بوران ئەمەس، يامان تەبئىي شارائىتىمۇ ئەمەس، ئىنسان ئاپىتى.
گەرچە بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىغا «دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى، ئاياق بېسىش مەنئىي قىلىنىدۇ» دەپ خەت ئويۇلغان يوغان تاش بەلگە قويۇلغان بولسىمۇ ئەمما، خىتاي خەلق كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلغان سۈرەتلىرىدىن، كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىغا ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ خارابىلىققا ئەخلەتلەرنى تاشلاپ ھەتتا چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىپ، بۇ قايتا بەرپا قىلغىلى بولمايدىغان تارىخ ئىزلىرى بولغان قەدىمىي شەھەر سېپىللىرىنىمۇ خانىۋەيران قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
خىتاي خەلق كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھالبۇكى دەل بۇ خىل قىلمىشلارغا يول قويۇۋاتقان كىشى بولسا، كىروراننى قوغداشقا بىۋاستە مەسئۇل قىلىپ قويۇلغان، چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى باشلىقى مىڭ خەنگاۋ ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، مىڭ خەنگاۋ بەش يىل ئىلگىرى ئەسكەرلىكتىن ئالمىشىپ،چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىغا باشلىق قىلىپ قويۇلغان،جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن چاقىلىق ناھىيىسىگە تەۋە بولغان كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى قوغداش دەل ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى مۇھىم خىزمەتتۇر.
خەلق كۈندىلىك گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، مىڭ خەنگاۋ كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق جاۋابكار بولۇپ،يىللاردىن بۇيان چەت ئەللىك زىيارەتچىلەردىن ئون مىڭ يۇەن ئېلىپ ئۇلارنىڭ كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىدا ئىختىيارى زىيارەت قىلىشىغا قويۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى باشلىقىنى زىيارەت
چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى باشلىقى مىڭ خەنگاۋنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭدىن خىتاي خەلق گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن ئۇنىڭ خەۋىرى بار -يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئىنتايىن راھەتسىز ھالدا خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشكە ئامالسىزلىقىنى ئېيتىپ، نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز دەپ مۈجىمەل جاۋاب بەردى.
—كروران قەدىمىي شەھىرى ساياھەتكە ئېچىۋېتىلدىمۇ ؟
—تېخى ئېچىلمىدى، ئەمما ئالاھىدە رۇخسەت بىلەن كروران قەدىمىي شەھىرىنى زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتلىك ھەم ئاپتونوم رايونلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بولۇشى كېرەك. شۇ رەسمىيەتلەر تولۇق بولسا بىزمۇ يول قويىمىز دېدى.
بىز ئۇنىڭدىن ساياھەتچىلەردىن ئۆز ئالدىغا ئون مىڭ يۇەن ئېلىپ كىروراندا ساياھەت قىلىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىغا چۈشەندۈرۈش بېرىشنى سورىدۇق. ئۇ نۆۋەتتە كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى قوغداشقا دۆلەتتىن ھېچقانداق مەبلەغ ئاجراتمىغانلىقى ئۈچۈن ساياھەتچىلەردىن پۇل ئېلىش ئارقىلىق بۇ جاينى قوغداش خىزمىتى قىلىۋاتقانلارنىڭ مائاشىنى ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
—كروران قەدىمىي شەھرىگە ناھىيىمىزدىنمۇ ئۈچ يېرىم سائەت ماشىنىلىق ماڭغاندىن كېيىن كىرگىلى بولىدۇ، يول بەك يامان، پۇلى، ماشىنىسى بارلارلا كىرەلەيدۇ. ئادەتتە كىرىدىغانلار تەتقىقاتچىلار ۋە پۇلى بار ساياھەتچىلەر، تەتقىق قىلىدىغانلارغا دۆلەتتىن ۋە ئاپتونوم رايون ھەم ناھىيىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئالاھىدە رۇخسەت بەرگەندىن كېيىنلا كىرىشىگە رۇخسەت بېرىمىز. پۇل ئېلىپ كىرگۈزۈشكە كەلسەك، بۇ يەرگە تەتقىقاتچىلاردىن باشقا، بەزى چەت ئەللىكلەر ئۆزلىكىدىن پۇل خەجلەپ كۆرگىلى كېلىدۇ، بىز بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ 10 مىڭ يۈەن ئاسارە ئەتىقە قوغداش پۇلى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق، لېكىن مەجبۇرلىمىدۇق، ئۆز ئىختىيارى بىلەن جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا ئازراق بولسىمۇ پۇل چىقارسا، بىزمۇ بۇ جايدىكى قوغداش ئىشلىرىمىزنى يۈرۈشتۈرەلەيمىز.
—بۇ خىل تەدبىرنى قوللىنىپ ساياھەتچىلەردىن پۇل ئېلىۋاتقىنىڭىزغا قانچە يىل بولدى؟ بۇ جەرياندا قانچە پۇل كىرىم قىلغانسىلەر؟
—بىلمەيمەن خېلى يىللار بولدى، ئەمما ئۇنچە جىق ئەمەس، بىر يىلدا ئاران ئوندەك ساياھەتچى كېلىدۇ.
—بۇ پۇللارنى نېمىگە ئىشلەتتىڭىز؟
—مائاش تارقاتتىم. بىز كروران قەدىمىي شەھەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلار تۈرىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدۇق، تېخى تەستىقلانمىدى، گەرچە كروران قەدىمىي شەھەرنى دۆلەت بۇيىچە قوغدىلىدىغان جاي قىلىپ نەچچە يۈز مىليون يۈەن تەستىقلىغان بولسىمۇ، تېخى بۇ مەبلەغ يېتىپ كەلمىدى، جەريان كېتىدۇ، بەك ئاستا، شۇڭا بىزنىڭ كروران مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش پونكىتىدا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ مائاشلىرى ئۇلارنىڭ ماشىنا كىراسى، ماي پۇللىرىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىشىمىز كېرەك. شۇلارغا ئىشلەتتۇق. پۇل ئالغاندىن كېيىن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ساياھەت ئىدارىسىغا تالون كېسىپ بەردىم.
—سىزنىڭ ئۆز ئالدىڭىزغا پۇل ئېلىپ ساياھەتچىلەرگە يول بېرىۋاتقانلىقىڭىزدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ خەۋىرى بارمۇ - يوق؟
—بىزنىڭمۇ بۇنداق قىلغىمىز يوقتى، بىراق قىيىنچىلىق مەسىلىسىنى ئۆزىمىز ھەل قىلمىساق باشقا ئامال بولمىسا، ھازىر بۇلاردىن يۇقىرنىڭمۇ خەۋىرى بار، بارلىق مەسىلىلەر تەكشۈرۈلۈپ ھەل قىلىنماقچى.
—يېقىندىن بۇيان كىرورەنگە بېرىپ كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ جاي كىشىلەر تەرىپىدىن قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا ئىكەن، ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئەخلەت تاشلاپ تاھارەت قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن؟
—ھېچقانداق بۇزۇلغىنى يوق، ئۆز پېتىچە. ئۇ دېگەن قۇملۇقنىڭ ئىچىدىكى يىراق جاي، نەچچە سائەتلەپ ماشىنىدا ئولتۇرغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ-دە، ئۇلار نەگە تەرەت قىلسۇن ئەمىسە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمىي شەھەرگە كىرگەندىن كېيىنكى ئىككى كىلومېتىرغىچە يۇمشاق توپىلىق، تەرەت قىلغان ھالدىمۇ قۇرۇپ يوقاپ كېتىدۇ، ئەخلەتلەرنى بولسا، قوغداش خادىملىرى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، مۇخبىر شۇنىڭ ئالدىدا رەسىم تارتىۋاپتۇ.
—نېمە ئۈچۈن ھاجەتخانىغا ئوخشاش ئەسلىھەلەرنى قۇرمىدىڭلار؟
—ھاجەتخانا قۇرساق بولمايدۇ، تەبئىي مەنزىرىلىك مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەلگىلىمىلەردە بۇ قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىدا ھەر قانداق ئىمارەتنىڭ بولۇشىنى چەكلەيدۇ.
—سىزنىڭ خەلق گېزىتى مۇخبىرىغا » ساياھەتچىلەر كىرسە نېمە بوپتۇ؟ بەرىبىر كروران قەدىمىي شەھىرىدە ھېچنېمە قالمىغان تۇرسا » دېگىنىڭىز نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
—ئۇ مۇخبىر قالايمىقان بىلجىرلاپتۇ، ئۇ قالايمىقان خەۋەر يېزىپ بىزدىن ئۆچ ئالماقچى، چۈنكى بىز ئۇنى، قەبرە ئوغرىسىمىكىن دەپ ئويلاپ كروران قەدىمىي شەھىرىگە كىرىشكە يول قويمىغان ئىدۇق، كىم بىلسۇن ئۇنىڭ مۇخبىرلىقىنى، شۇڭا ئۇ قەستەن شۇنداق يالغان خەۋەر يېزىپ بىزدىن ئۈچ ئالماقچى بولغان.
ئۇ ئاخىرقى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن قېچىپ بۇ مەسىلىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلدۇق، ھەل بولغاندا سوراڭلار دەپ تېلېفوننى قويدى.
«مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە كروران قەدىمىي شەھىرى 20 يىلغا قالماي يەر يۈزىدىن يوقىلىدۇ»
مەيلى مىڭ خەنگاۋ خىتاي خەلق گېزىتى خەۋىرىنى رەت قىلسۇن - قىلمىسۇن، مەيلى ئۇ مۇخبىر ئۈچ ئېلىش نىيىتىدە يازغان خەۋەر بولسۇن - بولمىسۇن، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان رېئاللىق شۇكى، كروران قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى خانىۋەيران قىلىنماقتا. ئادەملەر تەرىپىدىن، يەنە كېلىپ مەسئۇل كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى ھەممىدىن ئېغىر.
بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرىمۇ يەنى 2006 – يىلى11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ ليەن بىرىنچى بولۇپ ئىقتىساد گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، «مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە كروران قەدىمىي شەھىرى 20 يىلغا قالماي يەر يۈزىدىن يوقىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ياڭ ليەن، كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئەجەللىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەرنى كروران قەدىمىي شەھىرىنى تالان – تاراج ۋە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ساياھەتچىلىككە ئېچىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.
ئەجىبا، بۇ تەتقىقاتچىمۇ ئۆچ ئالماقچىمۇ؟ (گۈلچېھرە)