2007.12.04
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى «جوڭنەنخەي ئەنسىزلىككە چۆممەكتە» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا، خىتاي رەھبەرلىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى، دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ يۆنۈلۈشى، شۇنداقلا، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆز قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان دىپلوماتىك سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ، خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىغانلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ جوڭنەنخەينى «ئەنسىزلىككە» سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ مۇلاھىزىسىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۇنىمىز.