2007.12.03
كېيىنكى مەزگىللەردىن بۇيان ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا تىبەت مەسىلىسى ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلار روشەن ھالدا كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى مېركېل خانىم دالاي لامانى بېرلىندىكى باش مىنىستىرلىق بىناسىدا قوبۇل قىلىپ كۆرۈشكەندىن بۇيان، گېرمانىيە بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر كۈندىن – كۈنگە يىرىكلىشىپ بارماقتا.
گەرچە مېركېل خانىم دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشتىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، تىبەتنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە دالاي لاما بىلەنمۇ بۇ پرىنسىپ ئاساسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن، دالاي لامامۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ تىبەتنىڭ خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇقچە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پوزىتسىيىسىدە قىلچە يۇمشاش كۆرۈلگىنى يوق. بولۇپمۇ خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا دالاي لاما ھەققىدە قىلغان سۆزى، چەتئەللىك بەزى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كاللىسىدا تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا.
خىتاي: » تىبەت، خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى»
ۋېن جياباۋ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، » پەقەت دالاي لاما تىبەتنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلا بولسا، ئۇ چاغدا بېيجىڭمۇ ئۇنىڭغا دەرۋازىنى چوڭ ئاچىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن.
ئەمەلىيەتتە بولسا ، دالاي لاما بۇندىن 5 يىل بۇرۇنلا تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى پىكرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەتلا خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە ھەقىقىي بىر ئاپتونومىيىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلغان، شۇنداقلا خىتاي تەرىپىدىن ئالدىنقى شەرت قىلىنغان، » تىبەت، خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى » دېگەن پرىنسىپنى قوبۇل قىلغان ئاساستا، 2002 – يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ ھەقتە دىئالوگنى باشلىغان ئىدى، ھازىرغا قەدەر تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 6 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى، ھەتتا بۇ جەرياندا دالاي لامانىڭ ئاكىسىمۇ شەخسەن خىتاينى زىيارەت قىلدى ۋە ھازىرمۇ ھەم سۆھبەت يوللىرى تامامەن ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە نېمىشقا يۇقۇرقى سۆزىنى تەكىتلەشنى ۋە دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ؟
مېنىڭچە بۇنىڭ جاۋابىنى، 5 يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن تىبەت ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىپ كەلگەن سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىدىن ئىزدەش لازىم. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي تەرەپنىڭ دالاي لامانى ئىزچىل تۈردە » بۈيۈك تىبەتچىلىك » بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
خىتاي تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان » بۈيۈك تىبەتچىلىك » دېگەن زادى نېمە؟
تىبەت داۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيىسىگە قارايدىغان بولساق، دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ، ئالدى بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ بىكىتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، چۈنكى تىبەتلىكلەر نۆۋەتتە ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك مۇھىت، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىبەتلىكلەرنى پارچىلار بۇيىچە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقۇتۇشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بەرمەكتە.
مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2000 – يىلى 6 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئېلان قىلىنغان » تىبەتنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، تىبەتلىكلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ پەقەتلا يېرىمى ھازىرقى » تىبەت ئاپتونوم رايونى ئىچىدە ياشىماقتا، قالغان يېرىمى بولسا خىتاينىڭ گەنسۇ، چىڭخەي، سىچۇەن ۋە يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش » تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە ئاپتونوم يېزىسى » دا ياشاپ كەلمەكتە ۋە بۇ رايونلاردا ياشاۋاتقان تىبەتلىكلەرنىڭ خىتايلىشىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر. گەنسۇ ۋە چىڭخەي، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردا ياشاۋاتقان تىبەت ياشلىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن، بۇ ھال، دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى تىبەتلىكلەرنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە جىددىي ئەندىشىگە سالماقتا. شۇڭا ئۇلار پۈتۈن تىبەتلىكلەر ياشاۋاتقان جايلارنى ئورتاق بىر مەمۇرى رايون ئاستىدا بىرلەشتۈرۈشنى بىردىن – بىر چىقىش يولى دەپ قارىماقتا.
يەنى، تىبەتكە قوشنا بولغان جايلاردىكى، بولۇپمۇ چىڭخەي ، گەنسۇ ئۆلكىلىرىدىكى تىبەتلىكلەر ياشاپ كېلىۋاتقان » ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم ناھىيە » لەرنى ھازىرقى » تىبەت ئاپتونوم رايونى» غا قوشۇۋېتىش ۋە بۇ خىل قوشۇۋېتىشتىن كېيىن شەكىللەنگەن » تىبەت ئاپتونوم رايونى «دا ھەقىقىي بىر «يۈكسەك ئاپتونوم رايون » نى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
خىتاي : تىبەتنىڭ تەلىپىنى » چوڭ تىبەتچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ روشەن ئىپادىسى «
ئەلبەتتىكى ، بۇ » يۈكسەك ئاپتونوم رايون » بولسا، دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىدىن باشقا ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تىبەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى قاتارلىق ئالدىنقى شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.
«بوشۈن ئاخبارات تورى» دا بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر نۆۋەتتە دالاي لامانىڭ تەكىتلەۋاتقىنىدەك، پۈتۈن خىتايدىكى تىبەت رايونلىرى قوشۇۋېتىلگەن تەقدىردە، بۇ، خىتاي زېمىنىنىڭ 4 تەن 1 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
دېمەك، بۇ يەردە دالاي لاما تەشەببۇس قىلىۋاتقان » يۈكسەك ئاپتونومىيە » بولسا، بەزى ئىنسانلارنىڭ خاتا چۈشەنگىنىدەك قانداقتۇر » تەسلىمىيەتچىلىك » بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئادەتتىكى بىر تەلەپ بولماستىن، بەلكى تېررىتورىيىسى ھازىرقى » تىبەت ئاپتونوم رايونى» دىنمۇ بىر قانچە ھەسسە چوڭ بولغان زېمىندا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا تىبەت تەرەپنىڭ بۇ ھەققانى تەلىپىنى «چوڭ تىبەتچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ روشەن ئىپادىسى» دەپ قارىماقتا ۋە ئۇنى كەسكىن تۈردە رەت قىلىپ كەلمەكتە.
جۇ ئىنلەي: » تىبەت رايونلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ «
مەسىلەن، دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى گەزھۇ جىئانزان ئەپەندىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئامېرىكىدىكى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1951 – يىلى تىبەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 17 ماددىلىق كېلىشىم تۈزۈلگەندە، خىتاينىڭ ئەينى چاغدىكى باش مىنىستىرى جۇ ئىنلەي، » تىبەت رايونلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ » دەپ ۋەدە بەرگەن، 56 – يىلى مۇئاۋىن باش مىنىستىر چېن يىمۇ لخاساغا زىيارەتكە كەلگەندە، » بارلىق تىبەت رايونلىرىنى تىبەتكە قوشۇۋېتىش بولسا تىبەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە تىبەت – خەنزۇ مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن پايدىلىق » دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن، ئەمما كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى تىبەتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، يۇقۇرقى ۋەدىلىرىدىن تامامەن يېنىۋالغان.
بەزى سىياسى كۆزەتكۈچىلەر، دالاي لامانىڭ ھازىر خەلقئارادا يۈرگۈزىۋاتقان » يۈكسەك ئاپتونومىيە «دەيدىغان ئىستراتېگىيىسىنى بولسا تىبەتلىكلەرنىڭ ھەقىقىي مەقسىدى بولماستىن، بەلكى مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان ۋاستىسى دەپ قارىماقتا.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دالاي لامانى تاكى ھازىرغا قەدەر » بۆلگۈنچى «دەپ قاتتىق ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ، بەزى سىياسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۆلچەرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. (پەرھات مۇھەممىدى)