2007.11.28

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ تارىخىغا تەخمىنەن بىر ئەسىرچە بولۇپ قالغان ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ساھەگە قىزىقىدىغانلار ھەم نەتىجىلەر كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق، ياپونىيىدە ھازىرغىچە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئورۇن قۇرۇلمىغان، ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1924-يىلى تەسىس قىلىنغان «شەرقى ئاسىيا مەدەنىيەت غەزىنىسى » ۋەكىل خاراكتېرلىق ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كومىتېتلارنىڭ قاتارىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىسلام دىنى تەتقىقات كومىتېتلىرى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئاساسلىقى تارىخ ۋە يازما يادىگارلىقلاردۇر
بۇ جايدا نۇرغۇن ئۇيغۇرچە كىتاب – ماتېرىياللار ھەمدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى تىللاردا يېزىلغان نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللار ساقلانماقتا. بۇ ئورگاننىڭ » شەرقىي ئوكيان ئىلمىي جۇرنىلى» بار بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەسەرلەرمۇ بېسىلىپ تۇرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى، كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى، توكيو چەتئەل تىللىرى ئىنىستىتۇتى قاتارلىق بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پروفېسسورلار بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئالدىغا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە ئۇيغۇرشۇناس ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەيدۇ.
فلورىدا شتاتىدىكى ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىمى دوكتور قاھار باراتنىڭ ئېيتىشىچە، ياپون ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەتقىقاتلىرىدا ئاساسلىقى تارىخ تېمىلىرى ۋە قەدىمكى ھەم يېقىنقى زامان تۈرك، ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار ساھەسى بويىچە ئۇمېمۇرا خىروشى قاتارلىقلار زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بولۇپمۇ، ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ 10-14-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ ئىجتىمائىي-قانۇنىي ھۆججەتلىرى تەتقىقاتلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تارىخ تەتقىقاتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولۇپ، ماسۇدا خىسائو، ئېگامى نامىئو، ئېنوكى كازۇئو، ئۇچىدا گىنپۇ، خانېدا ئاكىرا ۋە ئابە تاكەئو ھەم باشقىلار ۋەكىل خاراكتېرلىقتۇر. ياپون ئالىملىرىنىڭ ئىچىدە خانېدا تورۇنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ داڭلىق، ئۇ يالغۇز خىتايچە ماتېرىياللارغىلا تايىنىپ قالماستىن، يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پېشىۋاسى دېيىشكە بولىدۇ. ئابە تاكەئو بولسا،» غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەردە 8-14-ئەسىرلەردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى، تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتى، گەنجو ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ئەتراپلىق يورۇتۇلغان.
ۋاڭ كې بىلەن توختى مۇزاتنىڭ تەقدىرى
ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزات 1990-يىللاردا ياپونىيىدە مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان بولۇپ، 1998-يىلى، ئۇ ۋەتەنگە قايتقاندا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان دېگەن جىنايەت بىلەن خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 11 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى. توختى مۇزاتنىڭ ياپونىيىدىكى ۋاقتىدا بىر قانچە ماقالىلار ۋە كىتابلارنى ئېلان قىلغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى يازغانلىقى مەلۇم.
توختى مۇزات بىلەن بىرگە تارىخ ساھەسىدە ياپونىيىدە ئوقۇغان ۋاڭ كې ئىسىملىك بىر خىتاي مۇتەخەسسىسنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيىسى يازغانلىقى ھەمدە بۇنى بىر كىتاب قىلىپ نەشىر قىلغانلىقى مەلۇم.
قاھار باراتنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى مىللەتتىن بولغان مەزكۇر ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ تەقدىرى ئىككى خىل بولۇپ، ۋاڭ كېغا يول ئوچۇق بولغان، ئەمما ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان توختى مۇزات بولسا تۈرمىدە ياتماقتا.
ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ياپونىيىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. نائۇكا خانىم ئىسىملىك بىر تەتقىقاتچى يېقىندا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭ ھەجىملىك بىر كىتاب نەشىر قىلدۇرغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)