2007.11.28

ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، چارشەنبە كۈنى ياپونىيىدىكى 3 ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ياپونىيە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىدە ئۈمىد قىلغان نەرسىلىرىگە ئېرىشەلىدىمۇ ؟ نېمىلەرنى ھېس قىلدى ؟ ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىن، رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.