مايىك پومپېيو روزا ھېيتلىق تەبرىكنامىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە ...

24-ئىيۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى «2019-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دوكلاتى» ئېلان قىلغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە باشئەلچى نەيسىن سەيلىس دۇنيا مىقياسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەھۋاللىرىدىن دوكلات بەرگەن.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، باستۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىتسىز، ئاساسسىز ھالدا ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكى» تەشكىلاتى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاپ قويغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مىنىستىر پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنى لاگېرغا قاماپ، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادى، مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كەچكۈزۈشكە ئۇرۇنۇشتەك ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغانلىقىنى ئىچىل ئەيىبلەپ كەلگەنىدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى