2007.11.19
Rabiye-YaponNutuq-1-200.jpg
2007 – يىلى 10 – نويابىر كۈنىدىكى نۇتۇق مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش. RFA Photo / Erkin

كوبى شەھىرىدىن كۇراشاكى شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم مەزكۈر شەھەر خەلقىگە دوكلات بېرىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رابىيە خانىم بۇ جەرياندا «ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز » دېگەن ئارزۇلىرىنى ياپون چەلقىگە يەتكۈزدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىق ھاجى ئەپەندىنىڭ ياپونىيىدىن بەرگەن خەۋىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يەتكۈزىمىز