2007.11.17

ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، جۈمە كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ياپونىيىنىڭ كوراشىكى شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا قاتناشتى.

رابىيە قادىر خانىم، كوراشىكى شەھىرىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تىلى، دىنىي ۋە مەدەنىيىتى بار بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ 1949‏- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ستالىننىڭ ياردىمى بىلەن بېسىۋىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يۇق قىلىش سىياسىتى ئۈستىدە توختۇلۇپ: پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى، سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش مەسىلسىى،مىللىي مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش مەسىلسىى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش مەسىلسىى، شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسەتلەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيە خەلقى، پارلامىنتى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. (ئۆمەر قانات)