«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 22-ئىيۇن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا يېقىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىرلىكتە ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان «كۇئىنلۇن جياۋيۈەندىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى» غا بېرىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى دائىرىلەرگە چېگرانى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى تەكىتلىگەن. چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «شىركەت + بازا + ھەمكارلىق + دېھقان» ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ مۇقىم مەنپەئەتنى باغلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك».
خەۋەردە چېن چۈەنگو قاتارلىقلار يەنە مۇشۇ يېڭى ئولتۇراق رايونى ئىچىگە قۇرۇلغان ئېلېكترونلۇق تېخنىكا شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن مەزكۇر ئولتۇراق يېڭى رايونىغا كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە شۇ جايدىكى كارخانا-زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
«شىركەت + بازا + ھەمكارلىق + دېھقان» دىن ئىبارەت 4 بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ خىل يېڭى شەھەر ئەندىزىسى، يەكەن ناھىيەدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كەڭ قاقاس چۆلگە بەرپا قىلىنغان يوڭئەن رايونى بىلەن ئوخشاش. دائىرىلەرنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ جايغا، كاچۇڭ، قوشىراپ، دامسى يېزىلىرىدىن بولۇپ 10 مىڭ نوپۇسنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە قۇرۇلغان خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تورى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلاردا ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى نامراتلىقنى يۆلەش ۋە كۆچۈرۈشكە ئائىت ئۇچۇرلاردىن قىزىلسۇ ئوبلاستىدىمۇ يېقىنقى 3 يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش باھانىسىدە قىزىلسۇنىڭ ئۆزىدىنلا چېگراغا يېقىن ناھىيە، يېزا-كەنتلەردىن 10 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس كۈچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2018-يىلى 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، ئاقتۇ ناھىيىلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چىڭيوڭنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «2016-يىلى 6-ئايدا، بىز كۇئىنلۇن جياۋيۈەن ۋە يىپەك يولى جياۋيۈەندىن ئىبارەت ئىككى كۆچۈرۈلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئورنى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدۇق. 2017-يىلى ئۆكتەبىردە، كۆچۈرۈش پىلانىغا ئاساسەن كۆچۈرۈش چارلوڭ بازىرىدىكى چوڭقۇر نامرات كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر تۈركۈملەپ يولغا قويۇلدى. 11-ئاينىڭ ئاخىرى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 428 ئائىلىلىك 1758 ئادەم، يەنى نامرات ئائىلىلەر تىزىملىكىگە ئالدۇرغانلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۇيىنلۇن جيائۈيۈئەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن».
ئاقتۇ مەمۇرىي تورىدا ئاقتۇدىكى دېھقان چارۋىچىلارنى تۇرۇۋاتقان تاغلىق جايلاردىكى ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈشنىڭ ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ تارقاتقان ۋىدىيولۇق تەشۋىقاتىدا مۇنۇلار بايان قىلىنغان. «ئاقتۇ ناھىيەسى مەمۇرىي جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدۇ. ئاقتۇ ناھىيەسى پامېر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرق قىسمى يېڭىسار ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى بىلەن، جەنۇب قىسمى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى، تاجىكىستاننىڭ تاغلىق بەدەخشان ئاپتونوم ۋىلايىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. چېگرا لىنىيەسى ئۇزۇنلۇقى 344 كىلومېتىر. ئاقتۇ يىپەك يولىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئۆتكەل ۋە بىر ئىستراتېگىيىلىك جاي ھېسابلىنىدۇ».
بۇ فىلىم ۋە باشقا خەۋەر مەنبەلىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا 2017-يىلىدىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆچۈرۈش سىياسىتى بويىچە 1868 ئائىلىدىكى 7928 كىشى كۆچۈرۈلگەن. ئاقتۇ ناھىيەسى جياڭشى يېڭى كەنتى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى چاڭجۇ يېڭى كەنتى، ئاتۇش شەھىرى كۈنشەن يېڭى كەنتى، ئاقچى ناھىيەسى ۋۇشى يېڭى كەنتى قاتارلىقلار بىر تۈركۈم «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش چېگرا يېڭى كەنتلىرى» كەينى-كەينىدىن قۇرۇلۇپ، مايقاق، ئاچبۇلاق قاتارلىق مەركەزلەشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇلغان چارۋىچىلار ئولتۇراق رايونلىرى شەكىللەندۈرۈلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، قىزىلسۇ ئوبلاستى «بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش لايىھىلەش، بىرتۇتاش ئۆلچەم قوللىنىش، بىرتۇتاش قۇرۇش، بىرتۇتاش يۈرۈشلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، «چېگرا بويلىرىدا پۈتۈن كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا-بازارلار بىرتۇتاش پىلانلاش، شەھەرگە كىرگۈزۈپ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويغانلىقىنى، نامرات ئاممىنىڭ كونا ئۆيلەردىن كۆچۈپ چىقىپ 81 كۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى يازغان.
بۇ ئۇچۇرلاردىن مەھەللە قۇرۇلمىسىدىن باشقا ئۆي قۇرۇلمىسىنىڭمۇ خۇددى يەكەندىكى يوڭئەن شەھىرىگە ئوخشاش، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوخشاش بىر تۇتاش بەلگىلىنىپ، لايىھەلەپ سېلىنغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە ھازىرقى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ ماكانلاشقانلىقى، رەت-رەت زامانىۋى زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلۇشى ئارقىسىدا، «كېباڭ» چەكلىك شىركىتى ئاقتۇدىكى جياڭشى كەسىپلەر رايونىغا ماكانلاشقانلىقى، «ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» بويىچە، بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن مەمەتئوسمان ئەركىن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ سانائەت ئىشچىسىغا ئايلانغانلىقى، ئۇ ئەسلى ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرىنىڭ ئويتاغ كەنتىدىكى مالچى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى «ئارىلاشما گۈرۈچنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان خىتاي يۈەن لوڭپىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى 7260 مو تۇزلۇق ئىشقارلىق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، دېڭىز گۈرۈچى تېرىش تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1000 مو دېڭىز گۈرۈچ تېرىغان ۋە 2000 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھەممىسى يېقىن ئەتراپتىكى كۆچۈش نۇقتىلىرىدىكى چارۋىچىلار ئىكەن.
بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «كەنتتىكىلەر ئەجدادلىرى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشىغان تاش ئۆي بىلەن خوشلىشىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى بولغان يىپەك يولى جياۋيۈەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇلار تۇرۇبا سۈيى ئىچىپ، تەبىئىي گاز ۋە سۇ ئىسسىتقۇچ ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە دېڭىز گۈرۈچ ئۆستۈرۈشنى ئۆگەندى.»
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىش سىياسەتلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەردىن ئادرىئان زېنزنىڭ قارىشىچە، نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە يەنىلا كونتروللۇقنىڭ بىر خىل شەكلىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل يېڭى تىپتىكى رايونلارغا كۆچۈرۈش، ئۇلارنى ئەسلى ياشاش ئۇسۇلى ھاياتىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش ھېسابلىنىدۇ ئۇلار ھەتتا ئۇ جايدا دىنىي پائالىيەتمۇ قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ جايلاردا مەسچىت دېگەندەك جايلار قۇرۇلمىغان. بۇ مەھەللىلەردە ئۆيلەردىن باشقا زاۋۇتلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇپ ئورگانلىرى بار بۇ مۇھىت ئۇلارنى ئۇيغۇر دېھقان چارۋىچىلارنى ئاسانلا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويالايدۇ».
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كۇئىنلۇن جيايۈەن ۋە يىپەك يولى جيايۈەندىن ئىبارەت ئىككى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونىغا جەمئىي 2557 ئائىلىلىك، 10 مىڭ 632 نامرات نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى