2007.11.15

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى ۋە مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەرگەن، رابىيە خانىمنىڭ دەلىل – ئىسپاتلىق ۋە قايىل قىلارلىق دوكلاتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بەزى ئەزالىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 16 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش سىياسىتىنى، » كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي تازىلاشنىڭ بىر قىسمى » دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

» ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئاياق – ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ جاۋابكارى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى «

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ، » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يۈزلەندۈرۈش» دېگەن نىقاب ئاستىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكەش سىياسىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بۇ قېتىم ئامېرىكىدا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ ھەقتە چاقىرىلغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ باۋدۇڭنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى ناھايىتى كۈلكىلىك ئىدى، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ ئەرزان باھادا مەجبۇرىي ئىشلىتىش مەسىلىسى دۆلەتنىڭ سىياسىتى ئەمەسمىش، بۇ تامامەن خىتايدىكى بەزى ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىق ۋە قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئىمىش! ۋاڭ باۋدۇڭ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ، ئېزىلىۋاتقانلىقىنىڭ ۋە خۇددى ئوتتۇرا ئەسىردىكى قۇللاردەك ئېغىر ئېكسپىلاتاتسىيىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۇلارنى ئىشلىتىۋاتقان خىتاي خوجايىنلارنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ قويغان.

مېنىڭچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئاياق – ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىردىن – بىر جاۋابكارى، ئۇلارنى بۇ خىل مۇھىتقا مەجبۇرىي يۆتكەپ كەلگەن ۋە خىتاي خوجايىنلىرىنىڭ ئۇلارنى ئېغىر دەرىجىدە ئېزىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دەل ئۆزىدىن ئىبارەت، شۇڭا ھېساب بېرىشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن بۇ شەپقەتسىز ھاكىمىيەت بىۋاسىتە ھېساب بېرىشى لازىم!

» پوسكام ۋە پەيزىۋات ناھىيىسىدىنلا شەندۇڭغا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئاشىدۇ «

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش سىياسىتى قانداق ئوتتۇرىغا چىقتى؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 16 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەزى ھادىسىلەرگە نەزەر سېلىپ باقايلى، 2003 – يىلى 3 – ئايدا بېيجىڭدا چاقىرىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 16 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا،» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم» نىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان » شىنجاڭ خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن ئىدى، دېمەك ۋاڭ لېچۇەن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىغا بىۋاسىتە ۋەكىللىك قىلاتتى.

ۋاڭ لېچۇەن 16 – قۇرۇلتايدىن قايتىپ كېلىپلا، » جەنۇبىي رايونلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يۈزلەندۈرۈش خىزمىتىنى 10 – بەش يىللىق پىلاننىڭ مۇھىم تەركىبى قىلىش لازىم» دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئاساسەن، 2003 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ۋە خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، ئاتۇش ۋە خوتەن رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنىڭ پىلان – تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشقا باشلىدى.

2004 – يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش» دېگەن سىياسىي شوئار، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شوئارىغا ئايلاندۇرۇلدى.

» ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە خەلق ئىشلىرى نازارىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، جەنۇبىي رايونلاردىكى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزىلاردا، » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش مۇلازىمەت پونكىتلىرى» قۇرۇلۇشقا باشلىدى. دەسلەپكى قەدەمدە جەنۇبىي رايونلاردىكى 13 ناھىيە،» ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى سىناق ناھىيىلەر» قىلىپ بېكىتىلىپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىبارەن ئاۋۋال قەشقەرنىڭ پوسكام، مارالبېشى، يەكەن ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىرىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەشكە ئەۋەتىلىشكە باشلىدى.

قىزىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇر قىزلىرى ئىشلەمچىلىككە ئەڭ بۇرۇن ئەۋەتىلگەن جاي بولسا ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسى بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ بىۋاسىتە دەللاللىق قىلىشى بىلەن، 2004 – يىلى قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى بىرقانچە يۈز ئۇيغۇر دېھقان قىزى شەندۇڭدىكى بىر زاۋۇتقا ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى.

ۋاڭ لېچۇەن شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىلىپ كېلىشتىن بۇرۇن، يەنى 89 – يىلىدىن 91 – يىلىغا قەدەر شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولۇپ ئىشلىگىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ ئىدى، شۇڭا ئۇ ئۆلكىسىدىكى بەزى زاۋۇت – كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرىنى ئالاھىدە شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ، سالامەتلىك، ئىش ھەققى ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ھېچبىر كاپالەت تەلەپ قىلمايلا بىچارە ئۇيغۇر قىزلىرىنى بۇ خىتاي خوجايىنلارغا قوشۇپ يۇرتى شەندۇڭغا يولغا سېلىپ قويغان ۋە ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ بۇ دەللاللىقىنى، گويا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى قاتارىدا ماختانغان ئىدى.

2004 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، پەقەت قەشقەرنىڭ پوسكام ۋە پەيزىۋات ناھىيىسىدىنلا شەندۇڭغا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئاشىدۇ.

» يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن 900 مىڭ ئۇيغۇر دېھقان باشقا يۇرتلارغا ئەۋەتىلگەن «

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە كەڭ كۆلەمدە يۆتكەش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 2005 – يىلىدىن ئېتىبارەن غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، قەشقەر ۋە خوتەننىڭ يېزىلىرىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن خىتايچە ئۆگىنىش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى ئاۋۋال بۇ تىل كۇرسلىرىدا مەجبۇرىي تەربىيىلەشكە باشلىغان ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كۈچىيىشكە باشلىغان نارازىلىقلارغا قارىماستىن، 2004 – يىلىدىن ئېتىبارەن تەسىس قىلىشقا باشلىغان » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى سىناق ناھىيىلەر » نىڭ سانىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ 21 ناھىيىگە يەتكۈزدى. 2005 – يىلىغا كەلگەندە پەقەتلا قەشقەردىن باشقا يۇرتلارغا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سانى 340 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، جۇ روڭجى، ۋېن جىياباۋ قاتارلىقلارمۇ بۇ مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندا، نۆۋەتتە جىددىي يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش » سىياسىتىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن ۋە » ئاپتونوم رايون » دىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن بۇ خىزمەتنى داۋاملىق تۈردە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى يەرلىك خەلق ئىچىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى، كۇچار قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى، بۇ سىياسەتنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ھالدا تېڭىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا، ھەتتا بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبى رايونلاردىكى بەزى يېزىلاردا قىزلىرىنى خىتايغا ئەۋەتىشنى رەت قىلغان ئاتا – ئانىلار بىلەن ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جېدەل – ماجىرالاردا، بەزى يېزا – كەنت كادىرلىرى دېھقانلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، دېمەك، بۇمۇ، ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ ناھايىتى زور خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما يۇقىرىنىڭ زور سىياسىي بېسىمى بىلەن بۇ سېلىقنى ئورۇنداشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئەمما شۇنداقتىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ سىياسىتىدىن ۋاز كەچكىنى يوق، ئەكسىچە تېخىمۇ كېڭەيتىپ ئىجرا قىلماقتا، مەسىلەن » شىنخۇا ئاخبارات تورى » نىڭ 2007 – يىلى 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن 900 مىڭ ئۇيغۇر دېھقان باشقا يۇرتلارغا ئەۋەتىلگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايغا ئەۋەتىلگەنلەر 100 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر قىزلىرىدىن ئىبارەت.

» ھۆكۈمەتنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش «

» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش » نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ چاڭيۇەن، شىنخۇا ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، » چېگرا رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەشكە يۈزلەندۈرۈشتىكى مەقسەت، پەقەتلا ئۇلارنىڭ پۇل تېپىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىدىيىسىنى ئازات قىلىشتىن ئىبرەت » دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەشتىكى تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىي غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى. (پەرھات مۇھەممىدى)