2007.11.12
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 11 - نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ Fair Fax شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ھەرقايسى شىتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى. پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاخىرلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇيىچە ئۇيغۇر تارىخچى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇھاكىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن، گەرچە پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ تەبرىك سۆزىنى جامائەتكە يەتكۈزدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.