«باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان ياش كارخانىچى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ھەدىسى رەيھان ئەسەت(ئوتتۇرىدا) خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئادۋوكاتلار بىلەن بىرلىشىپ ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇدا مۇراجىئەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 8-ئىيۇن.

«باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان ياش كارخانىچى ئەكبەر ئەسەتنىڭ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق رەيھان ئەسەت ئىنىسى ئەكبەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. رەيھان ئەسەت خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ئادۋوكات بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپداشلىرى، يەنى ھەر قايسى ئەللەردىكى ئادۋوكاتلار بىرلىشىپ، ئەكبەر ئەسەتنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەتنامە سۇنغان.

ئامېرىكا CNN تورى 10-ئىيۇن ئېلان قىلغان «خارۋاردتا ئوقۇغان ئادۋوكاتلار بىرلىشىپ، ئۇيغۇر مەكتەپدىشىنىڭ ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 50 نەچچە دۆلەتتىن 85 نەپەر ئادۋوكات بۇ ئىمزالىق مۇراجىئەتنامە يوللاش پائالىيىتىگە قېتىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىككى پارچە مۇراجىئەتنامە تەييارلاپ، بىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا، يەنە بىرىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەيگە يوللىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان مۇراجىئەتنامىدە: «بىز ئەكبەرنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ مۇراجىئەتنامىنى يېزىۋاتىمىز. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەسەت ئەپەندىنىڭ غايىب قىلىۋېتىلىشىدىن، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئادالەتسىز، نائېنىق تەقدىرىدىن قاتتىق بىئارام بولماقتىمىز،» دېيىلگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىغا سۇنۇلغان مۇراجىئەتنامىدە بولسا: «ئەسەت ئەپەندىگە ئوخشاش باشقۇرغۇچىلاردىن بولغان بىزلەرمۇ ئامېرىكانى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق رەھبەرلىك سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزگە، ئائىلىمىزگە خاتىرجەم قايتىپ كەلگەنىدۇق، ئەمما ئەسەت ئەپەندى ئۇنداق بولمىدى. بىز ئۇنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ، مەخپىي سوتلانغىنىدىن، ئۇ يەردە ئەقەللىي بىر ئادالەت تۇيغۇسىنىڭمۇ يوقلۇقىدىن قاتتىق سەسكەندۇق. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ناھەقچىلىكنى دەرھال تۈزىتىپ، ئەسەت ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەسەت ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ھەدىسى بىلەن قايتا جەم بولۇشقا يول قويۇلۇشى كېرەك،» دېيىلگەن.

CNN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ ھەل قىلىدىغان مەسىلىگە ئېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرىدىكەن. شۇغىنىسى ئۇلار ئەكبەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغان.

رەيھان ئەسەتنىڭ ساۋاقدىشى ھەم خىزمەتدىشى بولغان ديوگو سانتانا لوپس بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغان 80 نەچچە ئادۋوكاتنىڭ بىرى بولۇپ، ئەكبەر ئەسەت تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن رەيھان ئەسەت ئۇچرىغان روھىي ئازابلارنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھەمدە بۇ مۇراجىئەتنامىنى يېزىشقا قاتناشقان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«مەن رەيھان بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن مەكتىپىگە كەلگەن ۋاقتىدىلا تونۇشقان. ئۇنىڭ ئۆز ئىنىسى ئەكبەرنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەپ قانچىلىك كۆز يېشى تۆككەنلىكنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. كېيىن بىز ۋاشىنگتوندىكى ئادۋوكاتلىق ئورنىدا بىللە ئىشلىگەن چاغدا ئۇ ئاندىن ئىنىسىنىڭ خىتايدا غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى دەپ بەردى. مەن ئۇنىڭ قانۇن ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ يول مېڭىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇم ھەمدە بۇ ئىش ئاشكارىلانغىچە ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈندۈم. ئەمدى بولسىمۇ ھەق-ئادالەتنى تەشۋىق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ھەسسە قوشالىدىم. خۇسۇسەن، ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە مۇراجىئەتنامىنى يېزىشقا ياردەملەشتىم. بىز رەيھاننىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق. مەن بۇ خەتلەرنىڭ چوڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 80دىن ئارتۇق خارۋارد ئادۋوكاتلىرى ئىمزا قويدى، ئۇلارنىڭ خەلقئارادا ئىناۋىتى بار. ئىككىنچىدىن، بۇ خەت ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ، ماركو روبىيو ۋە كونسقا ئوخشاش سېناتورلارنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.»

رەيھان ئەسەت بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان بارلىق ساۋاقداشلىرى، كەسىپداشلىرىنىڭ «ھەقىقەتچى بول» دەيدىغان خارۋارد روھىغا ئاساسەن بۇ ئىشقا قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقانلىقىنى، ئۇلاردىن تولىمۇ پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا راادىئوسى